مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېپىدە تۇرۇشمۇ سودا مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىق

2021.03.19 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش كېلىشىمىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، بۇ شەھەرنىڭ بەزى خىزمەتلىرى ۋاقتىدا، جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەچكە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يىغىن مەيدانىدا كارخانىچىلارغا تەزىم قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى. شۇ كۈنى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدىن 10نى كىرگۈزۈپ، جەمئىي 176 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ بەردى.

  ئادەمدە ئىناۋەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، كەسىپتە ئىناۋەت بولمىسا گۈللەنمەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىيىتى پۈتكۈل ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسىدا يۆنىلىش بەلگىسى بولۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئۈلگىلىك ئۈنۈم ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بەزى جايلار سودىگەرلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا ۋەدە قىلغان باج، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سالغانلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدە يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى يەرلىك مالىيە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن «يېڭى ئەمەلدارلارنىڭ كونا ھېساب بىلەن كارى بولماسلىق»، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. «يۈرىكى قاپتەك» كارخانىلار ھۆكۈمەت بىلەن دەۋالاشتى، «توخۇ يۈرەك» كارخانىلار بولسا «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرساق بولمايدۇ» دەپ قاراپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈردى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تۈردىن ئايرىلالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، بولۇپمۇ بەزى چوڭ تۈر، ياخشى تۈرلەرنى جان تىكىپ تالىشىش دەرىجىسىنى «قان كېچىپ تالىشىش» دەپ تەسۋىرلىسەك ئازراقمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ. قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇش − قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل تېشى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشتا بەرگەن ۋەدىسى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولۇشى، مالىيە كۈچى يول قويغان دائىرىدە بولۇشى لازىم، كارخانىلارغا بېجىرگىلى بولمايدىغان قۇرۇق ۋەدە بەرمەسلىكى كېرەك. بولمىسا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يېتىدۇ، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ سودا مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ، كارخانىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر.

  سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش − نۇرغۇن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ساھەسىگە چېتىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلغاندا بەرگەن ھەرخىل ئېتىبار بېرىش ۋەدىلىرىدىن باشقا، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر نەزىرىنى يەنىمۇ يىراققا تىكىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئادىل رىقابەت مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كارخانىلارنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش، راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ