مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تويلۇق قەرزى» چوقۇم ئالقىشلانمايدۇ

2021.03.18 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، مەلۇم جايدىكى بىر بانكىنىڭ «تويلۇق قەرزى»نى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر توردا تارقالدى. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بانكا ئېلاننىڭ مەھسۇلات تارماقلىرىنىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەھسۇلاتنى تېخى يولغا قويۇلمىغانلىقىنى، كېيىنكى مەزگىلدىمۇ يولغا قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «تويلۇق قەرزى»نىڭ ئېلانى تارقىتىلىشى بىلەنلا ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئىلگىرى بەزى جايلاردا يۇقىرى باھالىق تويلۇقتا بەسلىشىش شامىلى ئەۋج ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تۈزەش، چەكلەشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئىزچىل يۇقىرى بولغان ئىدى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەشۋىق قىلىپ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، يېڭى كەيپىيات تەشەببۇس قىلىنىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدرىجىي ھالدا ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، قارىماققا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىدىغان «تويلۇق قەرزى» ئەكسىچە يول تۇتقان بولۇپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ ئاۋامنىڭ نېرۋىسىنى ئاغرىتىپ، جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىمۇ تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقتى.

  مەركەز توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى ناچار ئادەتلەر، يۇقىرى باھالىق تويلۇق قاتارلىق ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۈزەشنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزىلاردا ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، جەملىمە نومۇر تۈزۈمى، ئەخلاق باھالاش كېڭىشى، توي-تۆكۈن، ماتەم مۇراسىمى كېڭىشى قاتارلىق ئۇسۇللارنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۆيلىنىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى باھالىق تويلۇق قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، ئۆيلىنىش ساھەسىدىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «تويلۇق قەرزى» بېرىش ئېنىقكى ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك كەيپىياتى بىلەن قارشىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، يۇقىرىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەخلاق ۋە قانۇن چېگراسىغا خالىغانچە تېگىش قىلغانلىقتۇر.

  ئىستېمال بارغانسېرى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان دەۋردە، سودىگەرلەر بازارنى ئىنچىكە ئايرىپ، توغرا ماركىتىڭ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنلۇق قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلمىسىلا، ئەسلىدە قاتتىق ئەيىبلىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، «تويلۇق قەرزى»نىڭ ئالقىشلانماسلىقى كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرقانداق مۇلازىمەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش، ھەرقانداق سودىدا پايدا قوغلىشىش قىلمىشى، ھەرقانداق يېڭىلىق يارىتىش ماركېتىڭ ۋاسىتىسىمۇ ئەخلاق، قانۇن ۋە ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، ئاممىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى، قىممەت ئەخلاقىغا سەل قارىماسلىقى لازىم، چوقۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەقلىي، ساغلام ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سودا مەدەنىيلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلغاندىلا، ئاندىن ياخشى نام-ئاتاق ياراتقىلى، خېرىدارلارنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرغىلى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئەقىل-پاراسەتنى خاتا چۈشىنىپ ھەم ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ھەم جەمئىيەتكە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، ھېچقايسى تەرەپ يەڭگۈچى بولالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ