مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى مەركىزىي لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2021.03.17 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى 16-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى مەركىزىي لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن لېكسىيە سۆزلىدى.

  چۈ چىڭشەن دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى بىلىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، يېڭى تارىخىي پەللىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتكە بولغان زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى ھەم پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىپ چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

  دوكلات چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئورتاق تونۇش ۋە قەتئىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 700دىن ئارتۇق كىشى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بېيجىڭدا تۇنجى مەيدان لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ