خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ھازىر ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇش باشلاندى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئوقۇش باشلانسىلا بالىلىرىنىڭ ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇلارنىڭ ئاغرىپ قېلىشى تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىغانلىقتىن، يالغاندىن ئاغرىپ قالغان بولۇۋېلىپ مەكتەپكە بارماسلىق ئۈچۈنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى بىر-ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېسەللىك كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش بىلەن ئەتىيازنىڭ ئالمىشىش مەزگىلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولغاچقا، كېسەللىكنىڭ تەھدىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئوقۇش باشلاش پەسلىدە قايسى كېسەللىكلەر ئاسان كۆپ يۈز بېرىدۇ؟ يەنە قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، جىنەن شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئورنىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شۈ شۇخۇي ئەتىيازلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى.
ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش پەسلىدە قايسى كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ؟ قانداق تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بار؟ شۈ شۇخۇي: ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش پەسلى يەنە يېتىپ كەلدى، ئەتىياز پەسلى نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام، سكارلاتىنا، سۇ چېچىكى، قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى، نور ۋىرۇسى قاتارلىقلار، يۇقۇم مەنبەسى مەكتەپ ئىچى ياكى يەسلى ئاپپاراتلىرىغا كىرگەن ھامان، يۇقارقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى ۋە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، بالىلاردا روھىي چۈشكۈنلۈك بار بولۇشى مۇمكىن؛ بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزەتكەندە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قىزىش ئىپادىسى بولىدۇ؛ ئەگەر بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا، بەلكىم ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن؛ بالىلاردا ئەسۋە بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، مەسىلەن، سۇ چېچىكى، سكارلاتىنا، سوغان، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ.
مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۈچ نۇقتىدىن قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ بىرىنچى، ئوقۇش باشلاش پەسلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتلىرى قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك؟ 1. مەكتەپنىڭ مۇناسىپ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بولۇشى، يەنە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مەكتەپ دوختۇرى ياكى ساقلىقنى ساقلاش ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى كېرەك.
2. مۇناسىپ تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، مەسىلەن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى، دېزىنفېكسىيىلەش-ئايرىۋېتىش تۈزۈمى، دەرستىن قېلىشنى ئىز قوغلاش، ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىقلار.
3. ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە مۇناسىپ تىزىملاش، دەرستىن قالدۇرۇش، ئىز قوغلاپ تىزىملاش لازىم.
4. ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىش، ئادەتتە بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى بېرىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
5. مەكتەپ مۇناسىپ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى سەپلىشى، مەسىلەن، يېتەرلىك جۈمەك، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى ئەتىرسوپۇن بولۇشى، بالىلارنىڭ قول تازىلىقى جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ سىنىپ، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇھىت تازىلىقىنى ساقلىشى كېرەك.
6. گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغان ھامان مەكتەپ تەۋە جايدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىگە ماسلىشىپ ئېقىم تەڭشەش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
7. ئاتا-ئانىلارنى ماسلىشىشقا ئەسكەرتىش لازىم، بالىلار مۇناسىپ تەرتىپ ۋە تەلەپ بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى تاماملىشى، مەكتەپ ياكى يەسلى ئاپپاراتلىرى ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئاتا-ئانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ 1. ئاتا-ئانىلار ئەگەر بالىدا بىنورماللىقىنى بايقىسا، مەسىلەن، بالىدا قىزىش، ئەسۋە چىقىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا سىنىپ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىپ، بالىنى ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.
2. ئائىلە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئائىلىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، پاكىز، يېڭى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بالىلارغا پاكىز سۇ ئىچكۈزۈش، ئەڭ ياخشىسى ئىلمان قايناقسۇ ئىچۈرۈش كېرەك.
3. بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك، بالىلارغا ئۆزىنىڭ «ئۆز ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.
4. بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، ياخشى دەم ئېلىش ۋاقتى بېكىتىش لازىم.
5. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، بالىدا يېتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ شەكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
6. بالىلار ياكى باشقا ئائىلە ئەزالىرىدا قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلار (بالىلار) شەخسىي تازىلىقنى قانداق قىلىش كېرەك؟ 1. قىستا-قىستاڭ، يېپىق سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش كېرەك، ئەگەر چوقۇم بېرىش كېرەك بولسا، ماسكا تاقىۋېلىش لازىم.
2. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش لازىم، قولنى توغرا يۇيۇش، كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىزنى ئۇۋۇلىماسلىق، چۈشكۈرگەندە قەغەز ياكى بىلەك بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش لازىم
3. تېمپېراتۇرىغا قاراپ، كىيىم-كېچەكلەرنى ۋاقتىدا كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، چېنىقىشنى كۈچەيتىش لازىم.
4. يېڭى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، پاكىز سۇ ئىچىش لازىم.
5. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قىزىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق گۇمانلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلارغا ياكى ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاقتىدا ئېيتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى