مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەكىل لى شيا: ئەر-خوتۇنلۇقتىن ئاجرىشىپ مال-مۈلۈكنى بۆلۈشكەندە، ئائىلە زوراۋانلىقى پەيدا قىلغان كىشىگە مال-مۈلۈكنى ئاز بۆلۈپ بېرىش ياكى بۆلۈپ بەرمەسلىك تەكلىپى بەردى

2021.03.12 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2021- يىلى «ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغان بەشىنچى يىل، ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە جامائەت پىكرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. مۇناسىۋەتلىك دېلولاردىكى ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن ئائىلە زوراۋانلىقىنى پەيدا قىلغۇچىلار ئادەتتە ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان تۆلەم سوممىسى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ، تۆۋەن بولغاندا نەچچە مىڭ يۈەن، يۇقىرى بولغاندا 20. 30 مىڭ يۈەن بولىۋاتىدۇ، 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن تۆلەم سوممىسى تېخىمۇ ئاز بولىۋاتىدۇ. سوت مەھكىمىسى ئاجراشماقچى بولۇشقان ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى بۆلۈشۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندا، ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلغۇچى تەرەپ ھازىرغىچە ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋال ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جازاسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولىۋاتقانلىقىدىن، چۆچۈتۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەن ئائىلە زۇلۇمىغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىش جەريانىدا، ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلغۇچىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا تۆلەيدىغان زىيىنىنىڭ تۆلەش ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇنلۇقتىن ئاجرىشىپ، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى بۆلۈشۈشكە ئائىت دېلوغا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلغۇچىغا مال-مۈلۈكنى ئاز تەقسىم قىلىپ بېرىش ياكى تەقسىم قىلىپ بەرمەسلىك ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن.

  ---مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ بەيخاۋ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى لى شيا.


  ئەزا ليۇ نىڭ: PPTنى زىيادە ئىشلىتىشنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشىغا بولغان سەلبىي تەسىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك

  ئىنتېرنېت دەۋرىدە،PPT لىق دەرس ماتېرىيالى مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى ئىشلىتىپ دەرس ئۆتۈشكە ئادەتلەندى، ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش شەكلىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا PPTنى زىيادە ئىشلىتىش ئاساسىي مائارىپقا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادىمىيەت ساپا مائارىپىغا نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرە يېزىش، ئوقۇتقۇچىلار دوسكىغا خەت يېزىشنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتىدىن كۆزىتىش، PPT غا زىيادە تايىنىۋالماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش ۋە يىغىنچاقلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە،PPT نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى باھالاشتىكى ۋە ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىدىكى ۋەزنىنى سۇسلاشتۇرۇپ،PPT ئېلىپ كەلگەن شەكىلۋازلىق كەيپىياتىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.

  ---مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ نىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ