خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ۋەكىل لى چاڭچىڭ: مەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇزارتىش ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەن دۆلەتنىڭ بەزى ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇزارتىش ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆپەيتىش، تېخىمۇ كۆپ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە مال سېتىۋېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
---مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شەندۇڭ ئۆلكىسى رۇڭچېڭ شەھىرى شۈنشەن كوچىسى چىڭيۈتەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى چاڭچىڭ.
ئەزا چېن زۇڭ: مەن ۋەتەننى قوغداش ۋە چېگرانى قوغداش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا بىر مەڭگۈلۈك تېما. ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيىدىغان ئاددىي ھېسسىياتىنى ۋە ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىنى تونۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش بولسا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشكە باغلىق.
كىچىك چاغلىرىمىزدا ئەدەبىيات دەرسلىكىدە چيۇ شاۋيۈن، دۇڭ سۈنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان ئىدۇق، ئۇ ھېكايىلەر بىزدىكى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. يېڭى دەۋردە بىزنىڭ يەنە يېڭى بۇرچىمىز ۋە يېڭى مەسئۇلىيىتىمىز بار. يېقىندىن بېرى كىشىلەركەرنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ھېكايىكەر، يەنى ۋەتەننى قوغداش ۋە چېگرانى قوغداش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى دەل ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا جانلىق خام ماتېرىيال بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشكە بولسا، ئۇ، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ دۆلەت ھېسسىياتى ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى تەربىيىلەشتىكى كۈچلۈك تەدبىر بولۇپ قالاتتى.
--مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭشى رۈيدا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى چېن زوڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى