پايتەخت مۇزېيى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى

2021.03.10 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-مارت، تاماشىبىنلار پايتەخت مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شۇ كۈنى «ئۇلۇغ مۇساپە −− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» پايتەخت مۇزېيىدا باشلاندى، تەخمىنەن 280 يۈرۈش كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىندى. كۆرگەزمىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، يەر ئىنقىلابى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تۆت تارىخىي مەزگىل ۋاقىت يىپ ئۇچى قىلىنىپ، تارىخىي ماتېرىيال، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق زور تارىخىي ۋەقەلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقىچە بولغان ئىنقىلاب مۇساپىسى يىغىنچاقلىنىپ تاۋلانغان ھالدا نامايان قىلىندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ زىياڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ