مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بېجىنى كەچۈرۈم قىلغاندىن كۆرە، تەمىناتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باجنى كۆپرەك ئالغان ياخشى

2021.03.10 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بەزى ۋەكىللەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن باج ئالماسلىق ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا جەلپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەرھال كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  بۇ تەكلىپنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ياخشى بولۇپ، بۇنىڭدا ئېتىبار بېرىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچىلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مائارىپتىكى كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئوڭ يۆنىلىشلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  بىراق باج كىرىمى − دۆلەتنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىۋى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش − ھەربىر پۇقرانىڭ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر. ھەرقانداق كەسىپ ئالاھىدىلىك سەۋەبىدىن «ئالاھىدە ئېتىبار»غا ئېرىشسە بولمايدۇ، «مۇھىم» بولغانلىقى ئۈچۈن باج تاپشۇرمىسا تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، كۆپ يىللىق باج كېمەيتىش ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئېلىمىزدىكى كەڭ پۇقرالار كۆپ نەپكە ئېرىشتى، شەخسلەرنىڭ باج تاپشۇرۇش يۈكى زور دەرىجىدە ئازايدى، بۇ ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار توپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن باج ئالماسلىقنىڭ قاپلاش دائىرىسى چەكلىك، ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس.

  رېئاللىقتىن قارىغاندا، بەزى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ھاللاردا بىر قانچە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، باھالاش بېسىمى ئېغىر؛ بەزى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، ئاز نەپكە ئېرىشىدۇ، بەدەل بىلەن ئېرىشكىنى ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ؛ بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت مۇھىتى جاپالىق، ئىشتاتىنى ھەل قىلىشى قىيىن، غەم-ئەندىشىسى بار. تېخىمۇ كۆپ ئەھۋالدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى كۆپ باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تەمىنات كاپالىتى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆپ باج تاپشۇرۇش سالاھىيىتى بولماسلىق مەسىلىسىدۇر.

  مائاش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن قىممىتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلارغا موھتاج، «ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش»، «نەتىجە-ئۈنۈمنى بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مايىللاشتۇرۇش» قاتارلىق ياخشى سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تەمىناتىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ھەقىقىي كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان بولۇش، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ تەۋەلىك تۇيغۇسى، تونۇش تۇيغۇسى بولۇش، بۇ كەسىپنى چىن كۆڭلىدىن قىزغىن سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مائارىپنى ئىستىقباللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ