مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن سىزنى كۈرمىڭ قېتىم ئىزدىدىم

− شياڭجياڭ جېڭىدىكى قەھرىمانلار روھىنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشى ئۈچۈن

2021.03.09 17:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش باھار، شىمالىي گۇاڭشى، تاغ ئارىسىدىكى سۇ بويىدا قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قەبرىلىرى باشقىچە سۈكۈتكە چۆمگەنىدى.

  بەزىلىرى ئېگىز، ھەيۋەتلىك، بەزىلىرىگە ئىككى - ئۈچى قوشۇپ دەپنە قىلىنغان؛ بەزىلىرىگە جەسەت ئۇستىخانلىرى دەپنە قىلىنغان، بەزىلىرىگە پەقەت كىيىم - كېچەكلا كۆمۈپ قويۇلغان؛ بەزى قەبرە تاشلىرىغا نەچچە مىڭ ئىسىم ئويۇلغان، خەت ئويۇلمىغان قەبرە تاشلىرىمۇ بار ئىدى...

  كىشىلەر گۇاڭشىنىڭ گۇيلىن شەھىرىدىكى گۇەنياڭ، شىڭئەن، چۇەنجوۋدىكى شياڭجياڭ جېڭى بولغان كونا جايلارنى ئايلانغاچ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئىسمىنى ھەرخىل شەكىلدە ئىزدىدى، ئېسىدە چىڭ ساقلىدى.

  شياڭجياڭ جېڭى − مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ مەردانە جەڭ، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ ئىدى.

  1934 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 12 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۈشمەننىڭ قىزىل ئارمىيەنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە قورشاپ يوقىتىش غەرىزىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، نەچچە ئونمىڭ قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىسى قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، سەلتەنەتلىك ئىنقىلابىي داستاننى پۈتۈپ چىققان.

  ياد ئېتىش، ئېھتىرام بىلدۈرۈش

  گۇاڭشى چۇەنجوۋدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر شياڭجياڭ جېڭى خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، ئۇدۇلدا غايەت زور قاپارتما نەقىشلىك تام قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى: دۈمبىسىگە قىلىچ ئېسىپ، قولىدا مىلتىق تۇتۇپ، ئات يېتىلىگەن قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قېيىقلاردىن جۈپلەنگەن لەيلىمە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، زەمبىرەك ئوقى دەريادا پارتلىغاندا سۇ تۈۋرۈكى ھاسىل بولاتتى.

  «قىزىل ئارمىيە يۆتكەلگەندە نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىكنى ئېلىپ ماڭغانىدى، قورال - ياراغلىرىمۇ ئاددىي، قالاق ئىدى، ئۇلار ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، قورال - ياراغلىرى سەرخىل دۈشمەنگە دۇچ كەلگەنىدى» دېدى چۈشەندۈرگۈچى خۇ ياشىن.

  قىزىل ئارمىيە خۇنەننىڭ داۋشيەن ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، شياڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتكەندە، 300 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن قوشۇنى بىر «خالتا» شەكىللەندۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئىنقىلابى ھەربىي كومىتېتى، قىزىل ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى بىرلىشىپ «غالىبىيەتچىلەردىن بولمىساق، مەغلۇبىيەتچىلەردىن بولۇپ قالىمىز» دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما ئەۋەتكەن، قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە دۈشمەن بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان.

  شىنشۈدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى شياڭجياڭ جېڭىنىڭ ئۈچ چوڭ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى تۇنجى جەڭ. گومىنداڭنىڭ گۇاڭشى قوشۇنى بىلەن بولغان گىرەلەشمە جەڭدە، قىزىل 3 - جۈنتۇەن 5 - شىسىنىڭ سەنموۋجاڭى، قىزىل 14 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى ھەمدە مۇئاۋىن تۇەنجاڭى، سەنموۋجاڭى، سىياسىي باشقارمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىدىن 2000دىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچراپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىككى زۇڭدۈيىنىڭ ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە بەرداشلىق بەرگەن.

  گۇاڭخۇاپۇدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، كېچىكتىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قىزىل 3 - جۈنتۇەن 4 - شى قىزىل 10 - تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى شېن شۇچىڭ قىسىمنى باشلاپ دۈشمەنگە كەينى - كەينىدىن ھۇجۇم قوزغاپ، بەختكە قارشى غايىب ئوق تېگىپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان. شۇ كۈنى شى سەنموۋجاڭى دۇ جۇڭمېي بۇيرۇققا بىنائەن تۇەنجاڭلىقنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ جان تىكىپ توسۇپ زەربە بېرىپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ كۆپ قېتىملىق غالجىرانە ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىردا نەچچە يۈز كوماندىر - جەڭچى بىلەن بىللە ئىستېھكامدا جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان.

  دەريادىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق پەيتتە، جۇ دې ئارقا سەپ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىزىل 5 - جۈنتۇەنىنىڭ 34 - شىسىغا «ئىنتايىن جىددىي» تېلېگراممىدىن كۆپ پارچە يوللىغان. «پىداكار ئارقا مۇھاپىزەت شىسى» دەپ ئاتالغان بۇ قىسىم مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلغاندىن كېيىن دۈشمەن تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ھەممىسى دېگۈدەك قۇربان بولغان.

  شىجاڭ چېن شۇشياڭنىڭ قورسىقىغا ئوق تېگىپ بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان ئۇ يارا ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ ئۈچىيىنى تارتىپ چىقىرىپ، كۈچەپ تولغاپ ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۇ ئەمدىلا 29 ياشتا بولۇپ، «سوۋېت رايونى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ تەقدىم قىلىمەن» دېگەن قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

  جياۋشەنپۇ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى گومىنداڭ خۇنەن قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى جاسارەت بىلەن توسقان. قىزىل 1 - جۈنتۇەن 2 - شىسى 5 - تۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى يى داڭپىڭنىڭ ئۇرۇشتا پۇتى يارىلانغان. دۈشمەن قىستاپ كەلگەندە، يى داڭپىڭ مۇھاپىزەتچىدىن ئۆزىگە قارىتىپ ئوق ئېتىشنى تەلەپ قىلغان. مۇھاپىزەتچىنىڭ قولى بارمىغاندا، ئۇ مىلتىقنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئۆلسىمۇ ئەسىرگە چۈشمىگەن. ئۇ قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 26 ياشتا ئىدى.

  شىڭئەن ناھىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى لو جىفۇ ئىلگىرى 80 نەچچە ياشلىق بوۋاينىڭ كىچىك ۋاقتىدا جەڭ مەيدانىغا بېرىپ مىشەك تېرىۋاتقاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىنى ئاڭلىغان: قىزىل ئارمىيەنىڭ قۇربان بولغان بىر كىچىك جەڭچىسى ئىككى قولىدا مىلتىقنى تۇتقىنىچە ئورەكتە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان بولۇپ، تاكى قۇربان بولغۇچە ئوق چىقىرىۋاتقان قىياپەتنى ساقلىغان...

  «قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياش ئىدى، ئۇلار ئېتىقادى ئۈچۈن، غايىسى ئۈچۈن قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن باش تارتمىدى، بۇ ماڭا ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىش، دېگەن سۆزنى ئەسلەتتى!» گۇەنياڭ ناھىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى ۋېن دۇڭبو مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈش، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىشتەك ئىنقىلابىي روھى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ.

  ئىزدەش، ئەسلەش

  مايۈ لىزى، لەيلاۋ شىتۇ، ۋاڭشياۋ زېڭنۈ، خۇاڭشۇي جىنشېڭ، لەيمەن مېيلاۋ... شىنيۈ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى جيۇخەيجىڭ قىزىل ئارمىيە خاتىرە باغچىسىدىكى قەبرە تېشىدا بۇ «ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان» ئىسىملار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  «ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات پۇقرالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز بولغاچقا، بالىلىرىغا ئاددىي ئىسىملارنى قويغان.» گۇەنياڭ ناھىيەلىك پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى چيۇيىڭ مۇنداق دېدى: بەزىلىرى بوغۇن پەرقى تەرتىپى بويىچە قويۇلغان، بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىنىڭ فامىلىسىگە ئاساسەن قويۇلغان، بەزىلىرى بولسا شەخسنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن قويۇلغان.

  شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭدىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان، تونۇش قىيىن بولغان نامسىز قەھرىمانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمىغان، لېكىن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلارنى ئىزدەش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق.

  مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قامال لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن شىڭئەن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنتلەردە تىكلەنگەن قىزىل ئارمىيەنىڭ چوڭ - كىچىك قەبرىلىرى نەچچە ئوندىن ئاشىدۇ.

  لو جىفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ، شۇ جايدىكىلەر نۇرغۇن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قالدۇق ئۇستىخىنىنى ئارقا - ئارقىدىن قېزىپ، «بىر جاينى بايقىسا بىر قەبرە ياسىغان ھەم كۆپ قېتىم رېمونت قىلغان».

  قىزىل ئارمىيە گۇەنياڭدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەندە، نەچچە مىڭ قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىسى بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. گۇەنياڭ ناھىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە پەقەت 1800دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىسىملىكىنى ئىگىلىگەن. شۇ جايدىكى پارتىيە تارىخى، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆپ تەرەپتىن ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسىملىكى 2831گە كۆپەيگەن.

  2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان 82 قالدۇق ئۇستىخان، 7465 پارچە تارقاق ئۇستىخان شىمالىي گۇاڭشى رايونىدىكى قىيالىق ئۆڭكۈر، يېپىق دەريا، تاغ ئورمىنىدىن قېزىپ چىقىلغان. خاتىرە مەيدان - سورۇنلىرىنى يېڭىدىن سېلىش ياكى رېمونت قىلىش، داغدۇغىلىق كۆچۈرۈپ دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ مەركەزلەشتۈرۈپ يەرلىككە قويۇش... پارتىيە ۋە خەلق تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن قەھرىمانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بەردى.

  «ھەربىر تال گىياھ بىر سادىق روھ، ھەربىر تاغ، ھەربىر تاش بىر ئابىدە.» جياۋشەنپۇ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولغان كونا جايدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر شياڭجياڭ جېڭى خاتىرە باغچىسىدىكى بىر چوڭ قىيالىقتا ھەرخىل شەكىلدىكى قورام تاشلار تارقالغانىدى.

  «نومۇر ئويۇلغان ھەربىر تاشنىڭ ئاستىغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق ئۇستىخىنى دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى ياپيېشىل قارىغاي، ئارچىلارغا ئەگىشىپ شىمالىي گۇاڭشىنىڭ كەڭ تۇپرىقىغا سىڭىپ، مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ» دېدى چۇەنجوۋ ناھىيەسىدىكى پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى جوۋ شيۇڭ تەسىرلىك قىلىپ.

  ھەربىر ئىسىمنىڭ كەينىدىكىسى قايتىپ كېلىشكە تەقەززا بولغان جۈپ - جۈپ كۆزلەر ئىدى.

  قىزىل ئارمىيەدىكى ئىنقىلابىي قۇربان يا مېيشىننىڭ ئەۋلادى يا خەنگاۋ جيۇخەيجىڭ قىزىل ئارمىيە خاتىرە باغچىسىدىكى قەھرىمانلار ئىسىملىكى تېمىدىن تۇغقىنىنىڭ ئىسمىنى تېپىپ، نەق مەيداندا كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ئالايىتەن شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ بىر سىقىم توپىسىنى ئېلىپ دۇڭلەندىكى يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى.

  فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭتىڭ ناھىيەسىدىكى لىن تىڭجىن، لىن لىمېيزى، لىن تيەنبادىن ئىبارەت ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ ھەممىسى شياڭجياڭ جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شياڭجياڭ جېڭى غەربىي فۇجيەن ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەۋلادلىرىنىڭ تۇغقان ئىزدەش پائالىيىتى ئارقىلىق، لىن جەمەتىدىكى ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ نەۋرىلىرى ئاخىر شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىن ئەجدادلىرىنىڭ ئىسمىنى تاپتى. ئۇلار گۈرۈچ ھارىقى، خېتيەن توخۇسى، قارا شېكەر ۋە يۇرتىنىڭ سۈيىنى ئېلىپ كېلىپ، شىڭئەن ناھىيەسىدىكى قەھرىمانلار ئىسىملىكى تېمى ئالدىدا كېجيالار ئۆرپ - ئادىتى بويىچە داغدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈردى.

  سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ روھى ئەمىن تاپتى، تېخىمۇ كۆپ نامسىز قەھرىمان تېخى سېلىشتۇرۇپ ئىزدەش باسقۇچىدا.

  «سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ، سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.» گۇەنياڭ ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ تەگلىكىگە مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز ئويۇلغان.

  «قىزىل ئارمىيەدىكى ھەربىر قەھرىماننىڭ ئىسمىنى ئىزدەش قىزىل ئارمىيە قەھرىمانلىرىنىڭ يۇرتداشلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ سالماقلىق جاۋاب.» ۋېن دۇڭبەي مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق ئىزدەيمىز!»

  ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش

  ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان شىمالىي گۇاڭشىدىكى تاغلىق رايون بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باشقىچە يېڭى مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىلگىرىكى گۇەنياڭ، چۇەنجوۋدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيەگە كىرىش لىنىيەسىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، جىپسىلىشىش دەرىجىسى %80تىن ئاشىدىغان گۇەنياڭ - فېڭخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا 2015 - يىلى قاتناش باشلىنىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.

  شىنيۈ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولغان گۇەنياڭ ناھىيەسىنىڭ شىنشۈ بازىرى خېمۇ كەنتىدە، گۇەنياڭ - فېڭخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى باشلاپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئالۇچا، تاۋۇز قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تېز سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ جۈنفا كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئاشخانا، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، قىزىل ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  «دەل ئۆتمۈشتىكى قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئۇزۇن سەپەر قىلغان چاغدىكى جاپا - مۇشەققەتلىرى بىزگە بۈگۈنكىدەك بارغانسېرى كەڭ تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ بەردى» دېدى جياڭ جۈنفا.

  گۇاڭخۇاپۇ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولغان شىڭئەن ناھىيەسىدە «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى». خۇاجياڭ ياۋزۇ يېزىسى تەۋەسىدىكى لاۋشەن تېغى چېگراسى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن ھالقىغان تۇنجى ئېگىز تاغ ئىدى.

  خۇاجياڭ يېزىسىنىڭ گاۋجەي كەنتىدىكى لياڭجياجەيگە كىرگىنىمىزدە، بامبۇكلار لىڭشىپ تۇراتتى، ئېرىق سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، ياۋزۇ مىللىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئولتۇراق ئۆيلەر گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، قىزىل مەدەنىيەت مەيدانى، تېرىقچىلىق كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلار ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە ئىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ياڭ شېڭيوۋ دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ يىل «1 - ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تىجارەت باشلاپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، يۆلىشىدە سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلاندى. كەنت ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتارغا قوشۇلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، خۇاجياڭ يېزىسى قىزىل مەدەنىيەت، مىللىي مەدەنىيەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ تىپنى پائال ئۆزگەرتىپ، «خۇاجياڭدىكى توققۇز كەنت» قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

  قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى سىستېمىلىق ئېچىش، قىزىل ساياھەت تۈرى قۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى... بۈگۈنكى كۈندە «قىزىل گېن» شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قېنىغا سىڭىپ، شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  «قىزىل ئارمىيە قەھرىمانلىرىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەردە داۋاملىق ياخشى ماڭىمىز» دېدى گۇەنياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ چۈنيۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ