مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇيجوۋ زۇنيى، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش بۇ يەردىن باشلانغان

2021.03.09 17:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەر يىلى 1 - ئاي، شىمالىي گۇيجوۋنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىل بولۇپ، 1935 - يىلىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى.

  شۇ يىلى زۇنيىنى ئالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمىسى سوغۇق! دېگەن سۆز بولغان، قىش يامغۇرى توختىماي ياغقانلىقتىن، يانچۇقتىكى سەرەڭگىلەرمۇ نەملىشىپ ياندۇرغىلى بولمىغان.

  بۇ چاغدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن ئىلاجىسىز چېكىنىپ چىققىنىغا ئۈچ ئاي بولغانىدى. بوگۇ، لى دې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خاتا قوماندانلىقىدا، بۇ قىزىل چوڭ قوشۇن 86 مىڭ كىشىدىن شىددەت بىلەن ئازىيىپ 30 مىڭغا چۈشۈپ قالغان، ئاشلىق، ئوق - دورا كەمچىل بولۇپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن.

  ئازادلىق ئارمىيە ئارخىپخانىسىدىكى بىر پارچە تارىخىي ئارخىپتا: «تەمىنات ئىنتايىن قىس... ھەر كۈنلۈك تاماق بىر قۇرۇق، بىر سۇيۇقتىن ئىبارەت ئىككى ۋاق تاماققا ئۆزگەرتىلدى...» دەپ خاتىرىلەنگەن.

  ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق يولداشلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، 1934 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىن 1935 - يىلىنىڭ يىل بېشىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئارقا - ئارقىدىن تۇڭداۋ يىغىنى، لىپىڭ يىغىنى، خوۋچاڭ يىغىنى ئېچىپ، شىمالدا غەربىي خۇنەنگە يۈرۈش قىلىش ئەسلىي پىلاندىن ۋاز كېچىپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ دۈشمەن كۈچى ئاجىز بولغان گۇيجوۋغا يۈرۈش قىلغان − بۇ ئەپچىل چارە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىشتەك خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بىراقلا پەسەيتكەن.

  1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قىزىل ئارمىيە شىمالىي گۇيجوۋدىكى مۇھىم بازار زۇنيىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. زۇنيى شۇنىڭدىن باشلاپ پارتىيەمىز تارىخىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنغا ئايلانغان.

  بۇ چاغدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تېخى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. لېكىن كەڭ قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇرۇش قىلىش پىكىر يولىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشنى بايقىغانىدى. پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى فاڭ چياڭ ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن يىڭجاڭدىن ئاستاغىنە، پىلان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپتۇ، بۇ كىم كۆرسەتكەن ئەقىل؟ دەپ سورىدىم، يىڭجاڭ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ: <ماۋ زېدۇڭ...> دېدى».

  بۇ چاغدا بوگۇ بىلەن لى دې قىزىل ئارمىيەنى ئەمەلىي كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئاللىبۇرۇن مەھرۇم بولغانىدى، ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى كۆپ ساندىكى رەھبىرىي يولداشلار قوبۇل قىلغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە بىر قېتىملىق چوڭقۇر يەكۈنلەش ۋە قايتا ئويلىنىشقا جىددىي موھتاج بولغان − بۇ، زۇنيى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىدىيە، ھەربىي ئىشلار ۋە تەشكىلىي جەھەتتە ئاساس سالغان.

  1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، قىش يامغۇرى يەنىلا شارىلداپ يېغىۋاتاتتى. گۇيجوۋدىكى مىلىتارىست بەي خۇيجاڭ قەسىرىنىڭ ئالدىدىكى كىرسىن چىراغ يورۇپ تۇراتتى، چىراغ نۇرى خاتىرە راۋىقىدىكى كۆك فارفۇر پارچىلىرىدىن نەقىشلەنگەن «ۋېيلۇ» دېگەن خەتنى يورۇتۇپ تۇراتتى. جەنۇبىي دەرۋازىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئاجرىتىلغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ياڭ شىلىن ليەنجاڭدىن: «ۋېيلۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىدى، ليەنجاڭ بېشىنى چايقىدى.

  ياڭ شىلىننىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ بېرىشىچە، زۇنيى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئېچىلغان، ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن باشلىنىپ، 2 - كۈنى تاڭ سەھەردە ئاخىرلاشقان. يىغىننى كەچتە ئېچىشتا، ئاساسلىقى ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئويلىشىلغان.

  بىر چوڭ چوغداندا كۆمۈر كۆيۈۋاتاتتى، مەركەز رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى جۈنتۇەنلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن. ياڭ شىلىن مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان جەنۇبىي دەرۋازا يىغىن مەيدانىغا كىرىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «رەئىس ماۋ زېدۇڭ ياماق چۈشكەن چاپاننى يېپىنچاقلىۋالغان بولۇپ، قولىغا تاماكا قىستۇرغىنىچە جاڭ ۋېنتيەن بىلەن بىللە كەلگەن».

  ۋاڭ جياشياڭ نوسىلكىدا ئېلىپ كېلىنىپ يىغىنغا قاتناشقان، ئۇ قىزىپ قالغان بولۇپ، يەنە بەدىنىدە ئوق يارىسى بار ئىدى. يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئۆيدە ھېلىمۇ ياخشى بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق بار بولۇپ، ئۇ يېتىپ تۇرۇپ يىغىنغا قاتناشقان. لى دېنىڭ ئەڭ كېيىن كەلگەنلىكى، قوپال چوڭ خۇرۇم ئاياغ كىيىۋالغانلىقى، يۈزىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكى ياڭ شىلىننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى.

  چۈشەنچە بېرىش، مۇنازىرە قىلىش، تەنقىد قىلىش، زۇنيى يىغىنى قاتتىق مەخپىي ھالەتتە ئۇدا ئۈچ ئاخشام ئېچىلغان. ياڭ شىلىن ۋە شىمالىي دەرۋازىنى قوغداۋاتقان يۈەن كۇن ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ يوچۇقىدىن بۇ تارىخقا گۇۋاھ بولغان، تېخىمۇ كۆپ قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىسى بۇنىڭدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋاڭ داۋجىن ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: ئاشۇ بىرنەچچە كۈندە قىسىمدا كەچتە ئۇخلىغاندىمۇ كىيىمنى سېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى، مىلتىقنى قۇچاقلاپ يېتىپ، ھەرۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرغانىدۇق. لېكىن، كۆپچىلىك نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، كېيىن تاكى يۈننەن جاشىغا كەلگەندىلا، ئاندىن زۇنيى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۇق.

  ئۈچ كۈنلۈك زۇنيى يىغىنىدا بوگۇ، لى دېلارنىڭ ئالىي قوماندانلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان ھەم «يولداش ماۋ زېدۇڭنى دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلاش» قاتارلىق تۆت قارار ماقۇللانغان. يىغىندىن كېيىن يەنە ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ۋاڭ جياشياڭدىن تەشكىللەنگەن «ئۈچ كىشىلىك ھەربىي قوماندانلىق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى يادرولۇق رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن.

  خۇددى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جىن يىنەن ئېيتقاندەك: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، تالاي ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە، ئاخىر ئۆزىنىڭ لۇشيەنىنى ئۆزى قارار قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ رەھبىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولغان».

  يۈەن كۇن ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ مەخسۇس شىمالىي دەرۋازىنى ئايلىنىپ مۇھاپىزەتچى جەڭچىلەرنى يوقلاپ، كۆپچىلىكتىن: «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» دەپ ئەھۋال سورىغان، يۈەن كۇن تۇرۇشلۇق قىزىل 37 - تۇەننىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى سەپكە تىزىلىپ: «جاپا چەكمىدۇق!» دەپ جاۋاب بەرگەن.

  زۇنيى يىغىنىدىن كېيىن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى، تاكتىكىسى، ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويغان، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ئەڭ ئاۋۋال قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا ئەكس ئەتكەن.

  چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن پەم بىلەن ئۆتۈپ، قىزىل ئارمىيە ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 3 - قېتىم چىشۇي دەرياسىدىن ئۆتۈشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى زۇنيىدىكى چاڭگەنشەن تېغى ۋە فېڭشياڭبادا قارىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن سىچۇەن قوشۇنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىپ، تولۇق غەلىبە قىلغان. ماۋ زېدۇڭ مەخپىي ئىشلار بۆلۈمىدە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز خۇنەن تەلەپپۇزىدا: «چاڭگەنشەن... فېڭشياڭبا...» دەپ ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلغان.

  ئەينى چاغدا ماۋ زېدۇڭنىڭ كەينىدە تۇرغان مەخپىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ياڭ چۇجېن ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر شېئىر يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.» ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان − قىزىل ئارمىيە چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  50 يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا يازغۇچىسى سالىسبۇرى مۇنداق يازغان: «زۇنيى يىغىنى ئاخىرلاشتى، ئۇزۇن سەپەر داۋاملاشماقتا، ماۋ زېدۇڭ رولنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ يولى − ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك يولى مانا شۇنداق بېكىتىلگەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ