مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ چوڭ جەڭ: ئۇلۇغ ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ

2021.03.09 17:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يۈەنشياۋ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىبەيپو قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى.

  ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغى، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان خۇتوخې دەرياسى. خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى پىڭشەن ناھىيەسىدىكى بۇ تاغلىق كەنت پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي.

  70 نەچچە يىل ئىلگىرى، پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلغان بۇ «ئەڭ ئاخىرقى يېزا قوماندانلىق ئورنى»دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لياۋشېن، خۇەيخەي، پىڭجىندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان.

  ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما، بۇ تارىخ مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىپ قالدى: 1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، لياۋشېن جېڭى باشلاندى؛ ئىككى ئايدىن كېيىنكى 1948 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خۇەيخەي جېڭى رەسمىي باشلاندى؛ 1949 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پىڭجىن جېڭى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. 142 كۈن داۋاملاشقان ئۈچ چوڭ جەڭدە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 1 مىليون 540 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلدى.

  «ئۈچ چوڭ جەڭ جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ.» ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو فاڭ مۇنداق دېدى: «دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى تارىخىدىكى شانلىق ئابىدە، شۇنداقلا ئۇ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە غەلىبە قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى».

  2019 - يىلى 10 - ئايدا، لياۋشېن جېڭى خاتىرە سارىيى ئالاھىدە ئېكسكۇرسىيەچى جاڭ گۇيبىننى كۈتۈۋالدى. بۇ پېشقەدەم قەھرىمان ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكى تېمىدىكى سەپداشلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېنىك سىلىغىنىچە بوش ئاۋازدا: «سەپداشلار، ئاخىر سىلەر بىلەن يەنە كۆرۈشتۈم، دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى، ھازىر ئۇرۇش قىلمىساقمۇ بولىدىغان بولدى» دېدى.

  1948 - يىلىنىڭ بېشىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان جاڭ گۇيبىن ئەينى چاغدا شەرقىي شىمال دالا ئارمىيەسى 4 - زۇڭدۈيىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، لياۋشېن جېڭىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان تاشەن تېغىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

  «بىز بازىنى جان تىكىپ چىڭ ساقلايمىز، ھەتتا بىر ئادەم قالغان تەقدىردىمۇ، چېكىنمەيمىز دەپ قەسەم قىلغان ئىدۇق.>> جاڭ گۇيبىن قورال تۇتقان قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قاتتىق ۋارقىراۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ھەيكىلىگە قارىغىنىدا، كۆزلىرى ياشتىن خىرەلەشتى.

  جاڭ گۇيبىن بىلەن سەپداشلىرى جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ چوقۇم غەلىبە قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىشتەك جەڭگىۋار روھنى جارى قىلدۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، گومىنداڭنىڭ جىنجوۋغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن قىسمىنى تاشەن تېغىدا توسۇپ، پۈتكۈل جەڭنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئۇ شۇ قېتىم شەرەپ بىلەن چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى.

  تاشەن تېغىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى پەقەت بىر ئىخچام كارتىنىدىن ئىبارەت. ئۈچ چوڭ جەڭدە، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە نۇرغۇن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى ئۈزۈل - كېسىل پارچىلاپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە غەلىبە قىلىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.

  ئاۋۋال باشلانغان لياۋشېن جېڭى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەزىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى دۈشمەن كۈچلۈك، بىز ئاجىز، دۈشمەننىڭ قوراللىرى سەر خىل، بىزنىڭ قوراللىرىمىز ناچار بولۇشتەك ئاساسىي ھالەتنى ئۆزگەرتتى؛ خۇەيخەي جېڭى ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەننى يېڭىشتەك شانلىق تارىخنى ياراتتى؛ پىڭجىن جېڭىنىڭ غەلىبىسى ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بېيجىڭنى پايتەخت قىلىشى ئۈچۈن ئۇل سالدى.

  ئىس - تۈتەك يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇرغىنىڭ ئەكس ساداسى يەنىلا ياڭراپ تۇرىدۇ. تيەنجىن شەھىرىنىڭ بېيچېن رايونىدىكى بىر دېھقان ھويلىسىدا، 96 ياشلىق ياڭ شۇبەي پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەربىر تارتۇقتا جەڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئىزناسى بار.

  ياڭ شۇبەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، پىڭجىن ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى قانداق ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن باشتىن - ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.» كېيىن، ئۇ چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆزى يالغۇز ئېگىزلىكنى ساقلاپ، ئۆزى يالغۇز كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ، شەرەپ بىلەن چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن.

  ئەينى يىلى، شەرقىي قىسىم جەڭ رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 73 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەش قىزىل 4 - ليەن»ى ئەسلىدە تۇرۇشلۇق قىسىم خۇەيخەي ئۇرۇشىدا قېرىنداش قىسىملار بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلار باتۇر، قەيسەر، تەڭداشسىز بولۇپ، نۇرغۇن ئۇرۇش قەھرىمانلىرى مەيدانغا كەلگەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مەزمۇت قەدىمىدە، ئۇلار «تۆمۈر تاپان»دىن «پولات زەنجىر تاپان»غىچە، «پولات نەيزە»دىن «يېڭى ئۇرۇش ئاپتوموبىلى»غىچە بولغان يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ئۇرۇش ئوتىنى باشتىن كەچۈردۇق، بىز چوقۇم قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز، ئەۋلادلىرىمىز بارغانسېرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەش قىزىل 4 - ليەن»ىنىڭ جىداۋيۈەنى چېن سىيۈ.

  ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىشىغا خەلق يۆلەنچۈك بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ چوڭ جەڭدە، جەمئىي 8 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەكچى خەلق سەپەرۋەر قىلىنغان، خەلق ئاممىسى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن چوڭ - كىچىك ھارۋىلار 1 مىليون 410 مىڭ بولغان، نوسۇلكا 360 مىڭدىن ئاشقان... شۇ چاغدىكى خۇادۇڭ دالا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى چېن يى مۇنداق دېگەن: «خۇەيخەي جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى خەلق ئاممىسى قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ قولغا كەلتۈرگەن».

  خۇەيخەي جېڭى خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، سىشۈي ناھىيەسىنىڭ نەمۇنىلىك تىرانسپورت ئەترىتى ئاشلىق توشۇشقا ئىشلەتكەن بىر تۆھپىكار قول ھارۋىسىنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق، ئۇ خەلق ئۇرۇشىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئىس - تۈتەككە تولغان جەڭگاھتا نۇرغۇن قول ھارۋىلىرىنىڭ جەڭ غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

  تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ زەپەر مارشى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ، بىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ