مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى، 12 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى

2021.03.08 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 12 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  ئەزا ليۇ جياچياڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تاپقانلىقىغا چىن قەلبىمىزدىن قايىل. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

  ئەزا شيې فۇجەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، يېزا، ئاساسىي قاتلام، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا مايىللىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، بالىلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەقسىملەش، تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئاجىزلارنى يۆلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇختا ئىشلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، كىچىك غەلىبىنى توپلاپ چوڭ غەلىبىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئەزا مياۋ ۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولىنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، ياسىمىچىلىق سالمىقىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، سىياسەت زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا، كەسىپ قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا چىن بويۇڭ دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈردى. كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى رايون ھالقىپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى باھالاش ۋە خەۋپ-خەتەردىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا جاڭ ليەنچى پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مالىيە-باج سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى» ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ «مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈشى»، پۇقرالارنىڭ «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى»گە ئېرىشىش كېرەك.

  ئەزا چېن ۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش بويىچە دۆلەتلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى، مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم، زور ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيە-يەرلىك ھالقىغان، ساھە ھالقىغان، پەن ھالقىغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۇل تەتقىقاتقا پايدىلىق ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى يارىتىش كېرەك.

  ئەزا خۇاڭ جيەنشېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش ۋە تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»، «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قارا تۇپراقنى قوغداشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ئۆزگەرتىپ، سورت يېتىشتۈرۈش ئۇل تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئاشلىق زاپىسى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئەزا ما يۇڭشېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىدىن ئىبارەت قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئەزا ۋېي جېنلىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ماۋنەن مىللىتىنىڭ نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ ئون مىڭدىن بىرىگە يەتمەيدۇ، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ماۋنەنشەن يېزىسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى ئازراق 28 مىللەتنىڭ ھەممىسى مۇتلەق نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى، بىرسىمۇ كەم قالمىدى، بىرىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى.

  ئەزا ليۇ جياچېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رېئال تېمىدىكى ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى جۇڭگونى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلۇغ دەۋرنى تەسۋىرلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ھېس قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، «ھاكىمىيەت − خەلق دېمەكتۇر، خەلق − ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دېگەن ئىدىيەنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنى مەدھىيەلەيدىغان، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوتتەك ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش كېرەك.

  ئەزا ۋۇ گوخۇا تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ھېسسىياتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن كەلگەن، ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق مېھرىدىن كەلگەن. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ۋەتەننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق تارىخىي تومۇرى، جۇغراپىيەلىك تۇغقاندارچىلىقى، خەلق ئەھۋالى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق بايلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ ئورتاق دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.

  ئەزا ۋۇ لياڭخاۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، جەمئىيەت تىنچ، شەھەر ئاھالىلىرى بىخەتەر، كىشىلەر خاتىرجەم بولدى، شياڭگاڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزەشكە ئۆتۈشتەك زور بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشى»دا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق «ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشى»غا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنچېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ