مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نومۇر مائارىپنىڭ تۈپ نىشانى ئەمەس

2021.03.08 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نومۇر مۇھىم، لېكىن نومۇر مائارىپنىڭ بارلىق مەزمۇنى ئەمەس، مائارىپنىڭ تۈپ نىشانى تېخىمۇ ئەمەس.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى شىشەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى تاڭ جياڭپېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ئەزالار يولى»دا مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى نومۇر ئالالمىسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ، لېكىن بالىلار پەقەت نومۇرىلا يۇقىرى بولغان بىلەن كەلگۈسىدىكى چوڭ ئىمتىھاندا ئۇتۇپ چىقالماسلىقى مۇمكىن؛ مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولمىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ رىقابەت كۈچى بولمايدۇ، لېكىن مائارىپتا ئەگەر پەقەت ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈنسە، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى بولماسلىقى مۇمكىن.

  «ياخشى تەربىيە − ئۆمۈرلۈك تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىلدۈرۈپ چىقىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلار، مەسىلىنى ھەل قىلغۇچىلار ۋە گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەپ، بالىلارغا ساغلام ھەم مۇنەۋۋەر ئىنسانىي پەزىلەت ئاتا قىلىپ، كەلگۈسىدىكى بەختنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشى كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تولۇق 3-يىللىقنى پۈتكۈزىدىغانلار 2049-يىلىغا بارغاندا، يەنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشقاندا، يېشى 46-47 ياش بولىدۇ، بۇ دەل كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈللەنگەن يىلى، دۆلەتكە تۈۋرۈك بولىدىغان يىل، بىز چوقۇم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ياراتقان كەلگۈسى جەمئىيەتتە ياشايمىز. بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنىڭ ئەتراپلىق ساپاسى، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى جەمئىيەتنىڭ بەخت دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. مائارىپتا روھنى تاۋلاپ، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبنى ئىللىتىش كېرەك، بۇ، مائارىپنىڭ بۇرچى ۋە قىممىتىدۇر.

  تاڭ جياڭپېڭ يەنە ياش ئاتا-ئانىلارغا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەسلى بالىلىرىدا نەرسە-كېرەك رەتلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۇلارغا بالدۇر خەت تونۇتۇشتىنمۇ مۇھىم؛ بالىلارنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇلارنىڭ ئوقۇش، چۈشىنىش سوئاللىرىنى ئىشلىشىدىن كۆپ ياخشى. خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ