13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈي جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2021.03.05 19:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 4-ئاپرېل كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈي يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ يېسۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن يەتتە كۈن داۋاملىشىدۇ، 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، 11-مارت چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يىغىن قارالمىسى جەمئىي 10 تۈرلۈك بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىق ئالتە دوكلاتنى قاراپ چىقىش؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق پۈتتى.

  جاڭ يېسۈي مۇنداق دېدى: يىغىن بېكىتىلگەن يىغىن قارالمىسىدا چىڭ تۇرىدۇ، يىغىن ئېچىش شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ، مۇھىم ئامىللار ئازايمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىن مەزگىلىدە زۆرۈر بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. يىغىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، «ۋەكىللەر يولى»، «مىنىستىرلار يولى» قاتارلىق زىيارەت پائالىيەتلىرىنى تور سىنلىق شەكلىدە تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ سىنلىق زىيارەتنى قوبۇل قىلىشىنى پائال قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ