مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئۇ دېگەن مەكتەپ، جازا لاگېرى ئەمەس»

−− پاكىستانلىق مۇخبىرنىڭ شىنجاڭدىكى تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى

2021.03.05 19:34 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مۇھەممەت ئاسگار (Muhammad Asghar) خەلق تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. خەلق تورىدىن ليۇ نىڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئازادە، تەرتىپلىك، ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان ئىكەن» − بۇ مۇھەممەت ئاسگارنىڭ 2019-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە زىيارەتتە بولغاندىكى تۇنجى تەسىراتى. مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىزچىل غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كەلدى، لېكىن غەرب تاراتقۇلىرى تەسۋىرلىگەن كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ھەم ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان «تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرى» ئۇنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى.

  ئۇ خەلق تورىغا: «زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئاشۇ ئاتالمىش ‹مەشىق لاگېرى› ئادەم بىلەن لىق تولغان ھەم ئىنتايىن تار جاي، ئىچىدىكى تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولۇپ، تىكەنلىك سىم تور بىلەن ئېتىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرۋازىنى قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر قوغدايدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن»، دېدى.

  ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇ كۆرگەن تەلىم-تەربىيە مەركىزى ھەرگىزمۇ «مەشىق لاگېرى» ئەمەس، بەلكى ئالىي مەكتەپكە ئوخشايتتى. تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە بەش كورپۇس بەش قەۋەتلىك ياتاق بىناسى بار بولۇپ، ھەربىر ياتاققا ئىككى ئوقۇغۇچى سىغاتتى. ئازادە تاللا تاماقخانىغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، كۇرسانتلارنى ھەر خىل مەززىلىك يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيتتى ھەمدە مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيتتى.

  ئاسگار ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر مۇزىكا سىنىپىغا كىرگەندە، 30 نەچچە قىز-يىگىتنىڭ كۆز ئالدىمدا ھاياجانلانغان ھالدا ئويۇن قويۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. سىنىپنىڭ سىرتىدا، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازادە مەيداندا ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى، پۇتبول تېپىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ھەممە ئادەم ئىنتايىن خۇشال ئىدى.»

  پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسگار ئەنگلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ھىندونېزىيەدىن كەلگەن باشقا تۆت مۇخبىر بىلەن بىللە خوتەندىكى ئىككى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. «بۇ ئىككى مەركەز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن»، دېدى ئۇ.

  ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى ماھارىتى كەمچىل بولغانلىقتىن ئىشسىز قالغان بەزى ئۇيغۇر كۇرسانتلار بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئاسگار ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تەربىيەلىنىشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقانلىقىنى بىلدى. كۇرسانتلار ھەپتە ئاخىرىدا ياكى ھېيت-بايراملاردا ئۆيىگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىسا بولىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆگەنگەن دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، ئاشپەزلىك، تىككۈچىلىك، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، پۇتۇڭخۇا، دىن ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئادىلە ئىشسىز ئايال بولۇپ، پەقەتلا باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىدى. ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسىدىن تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مەركەزگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىكىنى ئۆگەندى. ئۇ ئاسگارغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن، پۇتۇڭخۇانى ۋە باشقا ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئابدۇللا ئىلگىرى ئىزچىل دېھقانچىلىق قىلاتتى، ئۇ تەربىيەلەشنى تاماملىغاندىن كېيىن سودا قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ ئاسگارغا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىن رازى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ مەركەزگە كىرگەن ئىدى ھەمدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلەيتتى.

  بەزىلەر بەلكىم: بۇ كۇرسانتلار تەھدىتكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇلار يالغاندىن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. ئاسگار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسلارنى تاپالىسا، بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ. بەخت كۈلكىسىنى يالغاندىن كۈلگىلى بولمايدۇ، مېنىڭ كۆرگىنىم ھەقىقىي بەخت.»

  بۇ قېتىمقى زىيارەت ئاسگارنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە بولغان تەسىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ئۇ مۇنداق قارىدى: تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش − تېررورىزمنى ھەل قىلىدىغان ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى چارە ئىكەن.

  نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىتلار ئاسگارنىڭ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرمىگەن. 2018-يىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى: دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى. 2019-يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.6 ئاشتى.

  ئاسگار قايتۇرۇپ سورىدى: «تەلىم-تەربىيە مەركىزى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ياراملىق پۇقراغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىستىقباللىق كەلگۈسى ۋە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدا قانداق مەسىلە بار؟ بۇ چارە ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىگە پايدا ئېلىپ كەلدى.»

  تۆۋەندىكى سۈرەتتە: كۇرسانتلار شىنجاڭدىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. مۇھەممەد ئاسگار تەمىنلىگەن سۈرەت

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ