مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ شىيا ئاساسىي مائارىپتا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى كېرەك، دېدى

2021.03.03 19:31 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە تارتىلغان ليۇ شىيا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ليۇ شىيا چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى. 2004-يىلى، ليۇ شىيا تۇرۇشلۇق شيېجياۋەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئاساسىي مائارىپتا يىراقنى كۆرۈش، بالىلارنىڭ ساپا مائارىپى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت «ئالتە يىلدا بىر ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىش» مائارىپ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2018-يىلى 11-ئايدا، شيېجياۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ «خۇڭمېي گۈلى ئېچىلدى، ھەممىسى نۇر چاچتى» ساپا مائارىپى سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىشى تەدرىجىي كۆپەيدى. ليۇ شىيا: «قىسمەن مائارىپ APP دېتاللىرى ۋە توردا ئۆگىنىش سۇپىلىرىدا مائارىپنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى كەمچىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.

  ئاساسىي قاتلامدا كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ليۇ شىيا مۇنداق تەكلىپ بەردى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا قوللىنىلىشى توغرىسىدىكى كەسپىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سۇپا تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلغان چاغدىكى ئىجازەت مېخانىزمى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ