مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك

2021.03.03 19:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسى پوياڭ ناھىيەسىدىكى بىر كەنت ئاھالىسى قىزىغا چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، تويلۇق ئۈستىلىگە زور سوممىلىق تويلۇق قويغانلىقى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئارقىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ كەنت ئاھالىسى تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالە كومىتېتىنى يېزا بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىدى ھەمدە بۇ ئىشنى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

  يۇقىرى باھالىق تويلۇق پەقەت كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئادەتلەرنىڭ بىر تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە «ئادەمگەرچىلىكنىڭ قەرزدىن مۇھىم ئىكەنلىكى»دىن ئىبارەت رېئال مەسىلىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى جايلاردا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا ھەشەمەتچىلىك قىلىش شامىلى كۆتۈرۈلدى. يۇقىرى باھادا تويلۇق بېرىشنىڭ بەزى توي قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ غايەت زور قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولسۇن ياكى توي زىياپىتىدە بىر ئۈستەلگە نەچچە ئون خىل قورۇما تىزىش، «يېرىمىنى يەپ، يېرىمىنى تۆكۈش» بولسۇن ۋە ياكى «توي ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىستىمالى»نىڭ زور ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولسۇن، بۇنداق «مەردلىك قىلىش»، بەسلىشىش، ئابرۇيپەرەسلىك قىلىشتەك ناچار ئەھۋال ئاللىقاچان توي-تۆكۈن، ئۆلۈم يېتىم ئادىتى كېلىپ چىقىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەرگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بۇرمىلاپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە.

  كونا قائىدە، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاش ھەرگىزمۇ بىردەمدىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، يېڭى ئىستىل تىكلەش تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ 2019-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم «يۇقىرى باھالىق تويلۇق»نى تۈزەش تەلىپى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى: «يېزىلاردا ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەملىمە نومۇر تۈزۈمى، ئەخلاق باھالاش كېڭىشى، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ئادەمگەرچىلىكتە بەسلىشىش، ياخشى باقماي دەبدەبىلىك ئۇزىتىش، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىش، فېئودال خۇراپاتلىق قاتارلىق ناچار كەيپىياتنى تۈزەشنى زورايتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ساددا خەلق ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ ئورتاق تونۇشقا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەت قاتلىمىدىن ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونا قائىدە-يوسۇنلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى قەلبتە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. بەسلەشمەسلىك، ئىسراپ قىلماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش» ئەنئەنىسىگە رىئايە قىلىش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دەل ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى تېپىشتا. ئەگەر توي-تۆكۈننى يېڭىچە ئۆتكۈزۈش، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، كىچىك ئىشلارنى ئۆتكۈزمەسلىك»نى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، لېكىن ئامما قوبۇل قىلالايدىغان، ئاسان ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان چارىنى تېپىپ چىقمىغاندا، ناچار كەيپىياتتىن بىزار بولۇش، ئەمما ئۆزگەرتكىلى بولماسلىقتەك غەلىتە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، نۇرغۇن جايلار ئادەمگەرچىلىكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە قەدەم تاشلاپ ئىزدەندى. بەزى سىناق نۇقتىلىرىدا «ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى زالى» قۇرۇلۇپ، دەپنە سورۇنى ۋە قېلىپلاشقان مۇلازىمەت بىلەن بىر تۇتاش تەمىنلەندى؛ بەزىلەر، جەمئىيەتتىكى داڭلىق شەخسلەرنى ئالاھىدە تەكلىپلىك گۇۋاھنامە بەرگۈچى قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، ساياھەت توي مۇراسىمى، كىچىك توي مۇراسىمى قاتارلىق يېڭىچە توي مۇراسىمى ئەندىزىسىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى... بۇ خىل ئۇسۇللار ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، «توي ئىشلىرىدا بەسلىشىش»، «دەپنە ئىشلىرىدا ئاممىنى بىزار قىلىش»تەك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ