خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
جۇڭگودا: «تاياق-توقماق ئاستىدا، بالا ۋاپادار بولىدۇ» دېگەن گەپ بار، ھازىرمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىشىنى «ئۇرۇپ» تۇرغانلىقتىن بولغان، دەپ ئىشىنىدۇ، بالىلارنى ئۇرۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نورمال ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتە كىشىلەرگە تونۇش بولغان ئېرىنىڭ ئايالىنى ئۇرۇشى ئائىلە زوراۋانلىقىغا تەۋە بولغاندىن سىرت، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ تەبىرى ناھايىتى كەڭ. ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ خاراكتېرى مۇنداق بېكىتىلگەن: ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش، باغلاش، زىيانكەشلىك قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە دائىم تىللاش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىشتىن ئىبارەت. بالىنى ئۇرۇشمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر.
بۇلتۇر 5-ئايدا، 10 ياشلىق جاڭ تۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئانىسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان.
چىچىخار شەھەرلىك 4-ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، جاڭ تۇڭنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن، خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىنى باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، جاڭ تۇڭ يان تېلېفونغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن، جاڭ تۇڭنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىۋاتقاندا، ئاچچىقى كېلىپ، توك سىمى بىلەن ئۇنى ئۇرغان.
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى مەدەنىي ئۇسۇلدا ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى، ۋەسىيلىك ۋە تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئائىلە زوراۋانلىقى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
«بالىلارنى تەربىيەلەشتە شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم، بالىلارغا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا تەۋە، ئاتا-ئانىلار خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.» خەلق ساقچىسى گۇ چىمىڭ جاڭ توڭنىڭ ئاپىسىغا تەربىيە بەردى.
ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى، زوراۋانلىق مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، «تاياق-توقماق ئاستىدا، بالا ۋاپادار بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى