مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ فېيفېي سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمەن، دېدى

2021.03.02 20:13 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شېنجېن فۇشىكاڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى لۇڭخۇا پەن-تېخنىكا باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان ياڭ فېيفېي.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ياڭ فېيفېي شېنجېن فۇشىكاڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ بىر كەسپىي تېخنىكا ئىشچىسى. 2003-يىلى خىزمەتكە كىرگەندىن بۇيان، ئۇ مېخانىكىلىق پىششىقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، شاگىرت ئىشچىلىقتىن كەسىپ ئىچىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندى.

  ياڭ فېيفېي كۆپ يىللاردىن بۇيان سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆسۈش بوشلۇقىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىز ياسىمىچىلىقى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يۇقىرى ساپالىق سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىغا موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن كارخانىلارمۇ ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە.

  ياڭ فېيفېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەسپىي ئىشچىلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەمەلىي ماھارەت سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ماھارەتنى باھالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماۋ سىچيەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ