مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇچۇر مىقدارى ناھايىتى زور!

2021.03.01 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [تەھرىر ئىلاۋىسى] گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خاۋ پېڭ، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى پېڭ خۇاگاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىللىق ۋە «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تونۇشتۇردى ھەمدە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلارغا ئىنكاس قايتۇردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم سۆزلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، تۆۋەندە بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!

  «ئىككى پايدا» __ ساپ پايدا، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ، «تۆت نىسبەت» __ تىجارەت كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى، مۈلۈك-قەرز نىسبىتى، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى، ئومۇمىي خادىملارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  23-فېۋرالدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خاۋ پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2021-يىللىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت نىشانى دەل مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ساپ پايدىسى، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت، بۇ يىلقى «ئىككى پايدا، تۆت نىسبەت» نىشانى ئاساسلىقى كارخانىلارنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  خاۋ پېڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «14-بەش يىل» پىلان مەزگىلىدە «بەش يېڭى» باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش نىشان __ دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىش. كۈچلۈك، ئەلا قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىپ، 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىش.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «بەش يېڭى»: بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، سۈپەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۆلەم ئەمەلىي كۈچىنىڭ سىجىل ئېشىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى نەتىجىلەر نامايان قىلىنىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېزلىتىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېتەكلەش رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە يېڭى قەدەم ئېلىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئالدىن كۆرەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى جايلاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدۇ؛ تۆتىنچى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تۇراقلاشتۇرۇش، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى تېخىمۇ جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ بەشىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭىدىن كۈچەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

  دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، خاۋ پېڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، يەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىلىق ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

  يۇقىرىدا ئېيتىلغان «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشىدە «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يەنى كاپىتالنى باشقۇرۇش بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلدى، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن مەبلەغ چىقارغۇچىنى نازارەت قىلىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خاۋ پېڭ «ئۈچ تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش»، «بەش ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش» ۋە «بىر تۈپ خاراكتېرلىك كۈچەيتىش»نى تونۇشتۇردى.

  «ئۈچ تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش»، بىرىنچى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، قانۇن قاتلىمىدىن ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنىڭ چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىنىڭ مۇستەقىل بازار سۇبيېكتلىق ئورنى تۈپتىن بېكىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئىلگىرى كارخانىلار ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىناتتى، بۇ مەزگىلدە بىز شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھازىر ھەممىسى «شىركەت قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ دۆلەت كارخانىلىرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. ئىككىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تۈرگە ئايرىش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۆتكەنكى خىزمەتلەردە ساقلانغان «بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىماسلىق، جەمئىيەت بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى تېخىمۇ ئادىل ھالدا بازار رىقابىتىگە قاتنىشالايدىغان بولدى.

  «بەش ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش»، بىرىنچى، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشتا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككىنچى، بازارلاشقان تىجارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۈچىنچى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىدا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. تۆتىنچى، دۆلەت ئىلكىدىكى ئىگىلىكنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بەشىنچى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ماھىيەت خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «بىر تۈپ خاراكتېرلىك كۈچەيتىش»، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈپ خاراكتېرلىك كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كەلگۈسىدە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ قايسى ساھەلەردە نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خاۋ پېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021-يىلى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەركەز كارخانىلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىنى تۇتۇپ، «بىر تۇتقا، تۆت كېسىش ئېغىزى»نى ياخشى ئىگىلەپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچ كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ %70ىنى تاماملاپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  «بىر تۇتقا» پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  «تۆت كېسىش ئېغىزى»: بىرىنچى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما-ھاسىلات مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش؛ ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە تۈۋرۈكلۈك، تۈرتكىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچى، خەۋپ-خەتەرنى پەسەيتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىنى كېمەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پايچىكلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش؛ تۆتىنچى، ھېسابات قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىپ ھېسابات قىلىش، تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى يولغا قويۇشتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكى ئىقتىسادىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ۋە باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

  ئىككى بولمىغان __ ئاساسىي كەسىپ بولمىغان بىلەن ئەۋزەللىكى بولمىغاندىن ئىبارەت، ئىككى مۈلۈك __ تۆۋەن ئۈنۈملۈك مۈلۈك بىلەن ئۈنۈمسىز مۈلۈكتىن ئىبارەت.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىسىنى تونۇشتۇرغاندا، خاۋ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇشتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچ چىقىرىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى. ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك، كەسىپنى يېتەكلەش، دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلارنى زىچ، ياخشى چۆرىدەپ، ئالدىن كۆرەر ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ قاتارلىق ساھەلەرنى جايلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قايتىدىن تەشكىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشنى زورايتىپ، ئاساسىي كەسىپ بولمىغان، ئەۋزەللىكى بولمىغاندىن ئىبارەت «ئىككى بولمىغان» بىلەن ئۈنۈمى تۆۋەن، ئۈنۈمسىز مۈلۈكتىن ئىبارەت «ئىككى مۈلۈك»نى چېكىندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جارى قىلدۇرىدىغان رولىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خاۋ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرىشىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش «ئالاھىدە رايونى» بەرپا قىلىنىدۇ. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىپ، بېرەلەيدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر بېرىش، بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بېرىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش سېلىنمىسى، تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاشتا ھەممىسىنى پايدا دەپ قارايدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ نومۇر قوشۇپ بېرىپ مۇكاپاتلايدۇ. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە «پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، پەن تەتقىقات تۈرىدە «ئىقتىدارلىقلار باشلامچى بولۇش»، تۈر راسخوتىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش تۈزۈمى قاتارلىق يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال يولغا قويۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.

  يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەرزىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، پېڭ خۇاڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىلارنى قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ يېتەكلەشتە «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، يەنى «نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت بىلەن قىسقا مۇددەتنى بىرلەشتۈرۈش، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش بىلەن قاتتىق مەنئى قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» بولۇپ، ئاچقۇچلۇقى «قاتتىق بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈشتۇر.

  «نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش» دائىرە جەھەتتە كارخانىلارنىڭ قەرز نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كەسىپكە ئايرىپ قەرز نىسبىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى، باشقۇرۇپ تىزگىنلەش سىزىقىنى بېكىتىپ، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىپ، قەرز نىسبىتىنىڭ يىللىق نىشانىنى بېكىتىپ، ئومۇمىي قەرز سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم، ساغلام، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىنى ساقلاش؛ نۇقتا جەھەتتە خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كارخانىلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قەرز نىسبىتى زىيادە يۇقىرى، يۆتكىلىشچانلىقى جىددىي كارخانىلارنى نۇقتىلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، قەرزى كۆپ تارماق كارخانىلارنىڭ نورمال قەرز سەۋىيەسىگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  «ئۇزاق مۇددەت بىلەن قىسقا مۇددەتنى بىرلەشتۈرۈش» __ ئۇزاق مۇددەتتە مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ مالىيە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، گۇرۇھنىڭ مەبلىغىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي كەسىپ بولمىغان سېلىنما خامچوتىنى قاتتىق كونترول قىلىش؛ قىسقا مۇددەتتە زايوم توختامىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانا زايومىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى، قىسقا مۇددەتلىك زايومنىڭ پۈتۈن زايومدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.

  «ئالدىنى ئېلىش بىلەن مەنئى قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» __ ھەم خەۋپ-خەتەر جۇغلانمىسىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتى، ھاۋالە، فوند، كېپىللىك بېرىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىنى كۈندىلىك كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن چەتلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ھەم خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كەسىپلەرنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خاراكتېرلىك سودىنى قانات يايدۇرۇش باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، «ئۈنۈمسىز يۈرۈشكەن»، «تالون كېسىپ مال سالمايدىغان» سودا كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ