ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك

2021.02.26 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنت ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئېچىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، شەھەر ئىختىساسلىقلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تۆھپە يارىتىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش كاپالەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  (2) نىشان-ۋەزىپە. 2025-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش تۈزۈمى رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىختىساسلىقلار كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، ساپاسى مۇقىم ئۆسىدۇ، قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىدۇ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار يېزا-كەنتلەرگە مەدەت بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى دەسلەپكى قەدەمدە قاندۇرىدۇ.

  (3) خىزمەت پىرىنسىپى

  −− پارتىيەنىڭ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  −− ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، ئومۇمىي مىقدارنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا پەرقلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك.

  −− كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدە، ئىش تەقسىماتى بويىچە ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. ھۆكۈمەت، تەربىيەلەش ئاپپاراتى، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئورتاق قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  −− ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. تەربىيەلەش بىلەن كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بىلەن ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ۋە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پۇرسەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  −− مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپالەتنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، يۆتكەش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى پۇرسەت ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، يېزىلارنىڭ مۇھىتى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش

  (4) يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. زامانىۋى دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارغا نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قاتلام، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەدىن كېيىنكى تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قوللاش كېرەك. ھازىرقى تور مائارىپى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى توردا تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق قىلالايدىغان، تۈرتكە بولالايدىغان يېزىلاردىكى بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  (5) ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش لازىم. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تىجارەتچىلىرىنى تەربىيەلەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلەرنى قوللاش، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، سۈپەت باشقۇرۇش، بازارنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى تايانچلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، يېزىلاردىكى ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ دېھقانلار كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك دىرېكتورلىرىنى تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تىجارەتچىلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش، ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، يېزىلاردىكى 2-، 3-كەسىپ تەرەققىيات ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش

  (6) يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئېچىشقا پۇختا يېتەكلەپ، يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىرى قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد يېزا-كەنت كارخانىچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، مەخسۇس تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇش، ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا-كەنت كارخانىچىلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت كارخانىچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (7) يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇتەخەسسىسلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. مەملىكەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋاسىتىسى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئۆلچەم، ئىسپات بېرىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (8) يېزا ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. يېزا-كەنتلەردىكى قول سانائەتچىلەر، ئەنئەنىۋى سەنئەتكارلارنى قېزىپ يېتىشتۈرۈپ، داڭلىق ئۇستازلار ئىشخانىسى، ئۇستازلار ئۆگىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ماھارەت ۋارىسلىرى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى توپلاشقان جايلاردا خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆزگىچە كارخانا قۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە قول سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (9) دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كۇرسلۇق مەھسۇلات پىلانىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمگەك كۈچى توپىنى چۆرىدەپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشقا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر ئىشخانىسى قۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش، ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۈچى چىقىرىشنىڭ تەشكىللىنىش، كەسىپلىشىش، ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم دېھقان ئىشلەمچىلەر ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كۇرسلۇق ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈش

  (10) يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. شەھەر-يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى، ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى ۋە ئاق چاچلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەردىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكلەشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى دەل جايىدا يېتىشتۈرۈش كېرەك. «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى»نى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالاقە تورى + مەجبۇرىيەت مائارىپى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا، ئۇنۋان باھالاشتا بەلگىلىمە بويىچە «نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش»نى يولغا قويۇشقا بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورۇنلىرىدا ئومۇمىي مىقدار كونترول قىلىنىدۇ، نىسبەت ئايرىم بولىدۇ، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى قۇرۇلمىسىنىڭ نىسبەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ بولىدۇ. يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوبوروت ياتىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمە بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  (11) يېزا كەنت سەھىيە ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. مۇلازىمەت قىلىدىغان نوپۇسنىڭ %0.1 ئۆپچۆرىسىدىكى نىسبەت بويىچە، ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ھەر بەش يىلدا يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدىكى خادىملارنىڭ ئىشتاتىنى جانلىق تەڭشەپ، ئىشتاتنى ناھىيە تەۋەسىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشكە، بوش ئىشتاتتىن تولۇق پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىش لازىم. يېزا-كەنت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇش تارىخى، يېشى قاتارلىق تەكلىپ قىلىش شەرتلىرىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس سەھىيە-ساغلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاشكارا تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ. يېزا-بازار شىپاخانىلىرىغا ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئاممىۋى سەھىيە دوختۇرى سەپلەش كېرەك.

  ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى، يېزىلاردىكى نىشانلىق تېببىي ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش ۋە ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەھەرلەردىكى 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ياكى پېنسىيەگە چىققان دوختۇرلارنىڭ يېزا-كەنت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، يېزا-كەنت ئامبۇلاتورىيەلىرىنى ئېچىشىنى قوللاپ، يېزا-كەنت سەھىيە-ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تولۇقلاش كېرەك. يېزا-كەنت ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ۋە مايىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-بازار داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىش ئورنى تەسىس قىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىياسەت بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. يېزا-كەنت ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ۋە داۋاملىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ تۈرلۈك تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ كىرىم تەمىناتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا-كەنت ئۇنىۋېرسال كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېببىي كەسىپ بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزا-كەنت دوختۇرىلىق كەسپىي رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىمتىھانسىز ئىلتىماس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۆز يۇرتىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئىستۇدېنت يېزا دوختۇرلىرىنى ھەقسىز نىشانلىق تەربىيەلەشكە ئىلھام بېرىپ، يېزا-كەنت سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى قوشۇنىنى كۆپ يوللار بىلەن تەربىيەلەپ، يېزا-كەنت سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش كېرەك.

  (12) يېزا مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور ئۈن-سىن قاتارلىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېزا-كەنت ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، ئىجادىيەت كوللېكتىپى، مەدەنىيەت پىدائىيلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ۋە يېزا-كەنت ساياھەت ئۈلگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، تەنتەربىيە كەسپىي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، تەنتەربىيە پەن تەتقىقات خادىملىرىنى يېزا-كەنت تەنتەربىيە يېتەكچىلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.

  (13) يېزا يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. يېزا-كەنتلەرنى پىششىق بىلىدىغان باش پىلانلىغۇچىلار، يېزا-كەنتلەرنى پىلانلىغۇچىلار، ئارخىتېكتورلار، لايىھەلىگۈچىلەر ۋە كوللېكتىپلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى پىلانلاش-لايىھەلەش، ئۆزگىچە مەنزىرە يارىتىش، ئادىمىيەت قىياپىتىنى يېتەكلەشكە قاتنىشىشىنى قوللاپ، لايىھەلەش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى يارىتىش كېرەك. شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش-ئاسراش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنت يەرلىك قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يول ياساش ئىشچىلىرى، سۇچىلىق خادىملىرى، ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش مۇتەخەسسىسلىرى، يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىرى قاتارلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا مۇھىتىنى تۈزەش، ئۇل ئەسلىھە ۋە يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش-ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش

  (14) يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-بازار رەھبەرلىك بەنزىسى، بولۇپمۇ يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، يېزا-بازاردىكى كەسپىي خادىملار، مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى، كەنتتە خىزمەت قىلىپ باققان ئىشقا قويۇلىدىغان ئوقۇغۇچى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىدىن يېزا-بازار رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىملاشقان مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-بازار ئىشتاتلىرىنى مەخسۇس ئىشتاتنى مەخسۇس ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، يېزا-بازار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان مەمۇرنىڭ يېزا-بازاردا مۇلازىمەت قىلىش ئەڭ تۆۋەن يىل چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا-بازاردىن خىزمەتچى خادىملارنى ۋاقىتلىق يۆتكەشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-بازارلارنىڭ خىزمەت ياردەم پۇلى ۋە جاپالىق چەت-يىراق رايونلارغا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-بازار ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كىرىمىنىڭ ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگاندىكى ئوخشاش ۋەزىپە دەرىجىسىدىكى خادىملارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جاپالىق چەت-يىراق رايوندىكى يېزا-بازارلارنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرت ۋە ئىمتىھان بېرىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىكنىڭ بەلگىلىك مىقداردىكى ئىش ئورنىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي قاتارلىق شۇ جاينىڭ نوپۇسىدىكى شۇ جايدا ئۇزاق مۇددەت تۇرمۇش كەچۈرگەن، خىزمەت قىلغان خادىملارغا قارىتىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

  (15) كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەلالىشىپ، يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپاسى ياخشى، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئادىل، دۇرۇس، پاك، تەلەپچان، ئامما ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرىنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىقىغا تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆز كەنتىدىكى بېيىشتا يول تاپقان، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ يۇرتىغا قايتقان كىشىلەر، ئۆز يۇرتىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىقىغا تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۆز كەنتىدە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىقىغا ۋاقتىنچە مۇۋاپىق نامزات بولمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇنەۋۋەر پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىن تاللاپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ، شارائىتى بار جايلار كەنت ھالقىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۈستىدە ئىزدەنسىمۇ بولىدۇ. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات تارماقلىرى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىرى سالاھىيەتنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يولغا قويۇپ، كەنت كادىرلىرى قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ئارىسىدىن يېزا-بازار مەمۇرلىرىنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، يېزا-بازار كەسپىي ئورۇنلىرىغا ئىشتاتلىق خادىم قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەپ، كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىشىنى قوللىشى كېرەك. نۇقتىلىق يېزا-كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى تاللاپ ئەۋەتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (16) «بىر كەنتتە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش» تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. جايلارنى بىر تۈركۈم ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى تاللاپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپ تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەنت كادىرلىرى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى باشلامچىلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ مەكتەپتە ئۆگىنىش، ئېلاستىكلىق ئوقۇش تۈزۈمى، دېھقانچىلىق بىلەن ئوقۇشنى نۆۋەتلەشتۈرۈش، مائارىپنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆز يېرىدە يېقىن ئەتراپتا كەسپىي ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا قويۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەنتكە بېرىپ ئىشلەش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى كەنت ئەمەلدارىنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى كەنت ئەمەلدارلىرى بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ئىشقا قويۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە شۇ يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ %10ىنى ئىگىلەش كۆلەم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەنت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  (17) يېزىلارنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-بازارنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە جەلپ قىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمىتى تىپىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۆز يېرىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت كادىرلىرى، ياش پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي سالاھىيىتىنى باھالاش ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىنقىلابىي كونا رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايونلاردىكى جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەردىكى بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈر مۇكاپات تولۇقلىمىسى، باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن، يېزىغا بارغان كىشىلەرنى جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  (18) يېزىلارنىڭ تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەمۇرىي ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە كەسپىي ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئايرىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت مۇندەرىجىسى تىزىملىكى ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قوبۇل قىلىش، تەڭشەش، تەكلىپ قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش قوشۇنىنى تولۇقلاپ، ئىش قىلىدىغان ئادەم، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۈچ يىل ئىچىدە بىر قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كېرەك. يېزىلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ كېسىم قىلىش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنى كېسىم قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىنى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (19) يېزىلارنىڭ قانۇن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مائاش تەمىناتى ۋە كەسپىي كاپالەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي بىلەن كەسپىي بىرلەشكەن، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قانۇن ئىجرا قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى كۈچلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، پىدائىيلار قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزا-بازار ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تولۇقلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەنت كادىرى، كەنت ئاياللار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتى، خەلق مۇرەسسەچىسى، دائىرە خادىمى، كەنت گۇرۇپپا باشلىقى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «قانۇن چۈشىنىدىغان ئادەم» يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزىلاردا قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش ئۈلگىلىك ئائىلىسى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى بىلەن يېزىلاردىكى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش ئۈلگىلىك ئائىلىسى زىچ باغلاشقان مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا-كەنت خەلق مۇرەسسەچىلىرى قوشۇنىنىڭ كەسىپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى «بەش ياشانغان» كىشىلەر ئارىسىدىن خەلق مۇرەسسەچىسى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىر كەنتتە بىر قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش

  (20) يېزا ئىگىلىكى، يېزا يۇقىرى پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار مەخسۇس تۈرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىنى ئالدىن قوللاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا پەن تەتقىقات داڭلىق ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدە «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش پىلانى»نى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە كوللېكتىپى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يۇقىرى پەن-تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت بويىچە دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر ئۈلگە رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىدا ماكانلىشىشىنى قوللاش كېرەك.

  (21) يېزا ئىگىلىك، يېزا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى پەن-تېخنىكىسدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك، يېزا پەن تەتقىقات تۈرى تۇرغۇزۇش، نەتىجىسىنى باھالاش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، قوشۇمچە مائاش ئېلىش، پاي ھوقۇقى قەرەللىك ھوقۇقىدىن بەھرىلىنىش، كارخانا قۇرۇشقا يېتەكلەش، نەتىجە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تەقسىملەش قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (22) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك ۋە تىجارەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇمچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ مۇۋاپىق ھەق ئېلىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى بويىچە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارغا مايىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلىرىنى پەرقلىق تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ياش، تايانچ يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ماس باشقۇرۇش خادىمى، ئۇچۇر خادىمى قوشۇنى قۇرۇش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جايلارنى «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر»، «ئېتىز زىيالىيلىرى»، «يېزا كەشىپكارلىرى»غا تولۇقلىما تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. «ئەڭ گۈزەل يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىمى ئىزدەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى مۇتەخەسسىسلەر ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، «پەن-تېخنىكا ھويلىسى» قاتارلىق تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئاسپىرانتلارنى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كېڭەيتىشكە ئەۋەتىش كېرەك.

  (23) پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك. ھۆكۈمەت تاللاپ ئەۋەتىش، بازار تاللاش، ئىختىيارىي قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلىنىڭ كېلىش مەنبەسى يولىنى كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلىنى يۆلەش، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پايدا ئورتاق گەۋدىسى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلىنىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى يېتەكلىشى، قۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  يەتتىنچى، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش

  (24) ئالىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېرىقچىلىق-ئوقۇش تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېرىقچىلىق-ئوقۇشقا ئالاقىدار دەرسلىكنى يېزا ئىگىلىك كەسپىگە چېتىشلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسى قىلىش كېرەك. داڭلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پىلانى 2.0نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، كۆپ قىرلىق كارغا كېلىدىغان، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تىپىدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. بىيوتېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھازىر بار بولغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللەنگەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەرنى يېزا ئىگىلىك ئەنئەنىۋى پەنلىرىنىڭ كەسىپ چېگراسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق پەن كەسىپىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات-تەتقىقات يۇرتى قۇرۇشنىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ توردا تەربىيەلەش مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان نادىر تەربىيەلەش دەرسلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  (25) يېزىلارغا يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپنى قانات يايدۇرۇشىنى ئالدىن قوللاپ، مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىشىش، ھۆكۈمەت ئاجرىتىپ بېرىش، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم پىراكتىكا ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كەسىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى قۇرۇش، ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت سىنىپى ئېچىشىنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش تۈزۈمى مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى «تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان بالىلار»نى ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش كېرەك. سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار، ئۆيىدە قالغان ئاياللار قاتارلىقلارنى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ساپاسى سىناق ئىمتىھانى نومۇر سىزىقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  (26) ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىي شۆيۈەن)لىرىگە تايىنىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئاساسىي يول، ئاساسىي بازىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەشنى تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نى سۇبيېكت قىلىپ، كەنت كادىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى، ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق تەشكىلاتى شۇجىسى قاتارلىق يېزا-كەنت كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تور ۋە تور سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ مائارىپ بايلىقىنى كەنت، مەھەللىلەرگىچە ئۇزارتىپ قاپلاش كېرەك.

  (27) يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى قاتارلىق تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەر، يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى، يېزا چوڭلار مەدەنىيەت تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى (ئاپپارات)، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلارنى قوللاپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقان، قابىل ھۈنەرۋەن قاتارلىق يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دېھقانلار ئوقۇش نومۇرى بانكىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەش بىلەن كەسپىي مائارىپنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ھەر دەرىجىلىكنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  (28) كارخانىلارنىڭ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى خام ئەشيا بازىسى، كەسىپ رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا، كۇرسلۇق مەھسۇلات، مەبلەغ قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، دېھقانلارنى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشتە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  سەككىزىنچى، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش

  (29) يېزا خىزمىتى كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگانلاردىكى ياش كادىرلارنى يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدا تەربىيەلەش، چېنىقتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگانلاردىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار ياش كادىرلارنى پىلانلىق ھالدا يېزا-بازارلاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېزىلارغا ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئەۋەتىش كېرەك.

  (30) يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نىشانلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت يىل چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى بىلەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپلەرنىڭ) يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەرنى قۇرۇشى ياكى ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت سىنىپلىرىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، بەلگىلىمە بويىچە جاپالىق رايون ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە «تالون شەكلى»دە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىش كېرەك.

  (31) تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار يېزا-كەنتلەرگە قەرەللىك مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. شەھەرلەردىكى دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىختىساسلىقلار يېزا-كەنتلەرگە قەرەللىك مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يېزا-كەنت ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارغا بېرىپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش، مائاش-پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تاشقى ئىختىساسلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پېنسىيەگە چىققان مۇتەخەسسىسلەر ۋە كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا قوللاش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىي ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈشتە پىرىنسىپ جەھەتتە بىر يىلدىن ئارتۇق يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتى مۇلازىمەت تەجرىبىسى بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا ۋە جاپالىق چەت-ياقا رايونلارغا بېرىپ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. كەسپىي ۋىراچتىن كاندىدات ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلىدىغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ياكى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تۈر ھەمكارلىقى، قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت، مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمىتى، قوشۇمچە ۋەزىپە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ۋاقتى يېرىم يىلدىن ئاشقانلىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تارىخى دەپ قارىلىپ، ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشتە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

  ناھىيە، يېزا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارغا كېلىشىم مائاش، تۈر مائاشى، يىللىق مائاش تۈزۈمى قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مائاش تەمىناتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. جايلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسى سېلىش، تۇرالغۇ ياردەم پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا كىرگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن جايدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇپ، يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا كىرگەنلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا كىرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  (32) ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق رايون ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردا خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش ئىپادىسى، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ۋە خىزمەت ئىستاژى قاتارلىقلارنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائاش تەمىناتى جەھەتتە مايىللىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ تۆھپە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. داۋالاش، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش-يۆلەشنى باشقا جاپالىق رايونلار ۋە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە تەدرىجىي كېڭەيتىش كېرەك.

  (33) ناھىيە كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك ئىشتات بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزا-بازارلارغا تېخىمۇ جانلىق ئادەم ئىشلىتىش، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەمۇرىي، كەسپىي ئىشتاتنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتلام ھالقىپ تەڭشەشكە ئىلھام بېرىپ، بايلىق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى «ناھىيە باشقۇرۇش، مەكتەپ تەكلىپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا مەكتەپلىرى ئورتاق گەۋدىسى، يېزا-كەنت مەركىزىي مەكتەپ ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سەپلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون سەھىيە ئىشتات ئومۇمىي مىقدارى ئىچىدە تۈرلۈك سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى بىرتۇتاش سەپلەپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش، ئەلا نەتىجە ياراتقانلارغا يۇقىرى ھەق بېرىشنى كۈچەيتىپ، «ناھىيە تەكلىپ قىلىپ يېزا ئىشلىتىش» ۋە «يېزا تەكلىپ قىلىپ كەنت ئىشلىتىش»نى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  (34) يېزا-كەنتلەردىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنى كەسپىي ماھارەتنى باھالاش، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل ماھارەتنى باھالاشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەش كېرەك. «مۇسابىقە بويىچە باھالاش»، «تۈر بويىچە باھالاش»تا ئىزدىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، مۇناسىپ ماھارەت دەرىجىسىنى بىۋاسىتە بېكىتىشكە بولىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىختىساسلىقلارنى دەرىجە ئاتلاپ مۇناسىپ ماھارەت دەرىجىسىنى باھالاش كېرەك.

  (35) يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ئىلمىي ماقالىنى زېمىندا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ»، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى ئالىي ئۇنۋان باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا ئۆلچىمى، مەخسۇس دوكلات، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، تېخنىكا لايىھەسى، تەجرىبە دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلىشنى باھالاش ئۇسۇلى دەپ قاراش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، دائىملىق ئىش ئورنى ئومۇمىي مىقدارى، ئۇنۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە قۇرۇلما نىسبىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  (36) يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى باشقۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى ۋاسىتىچىلىك، ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  توققۇزىنچى، كاپالەت تەدبىرلىرى

  (37) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، پارتكوم يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىم قىلىپ مەسئۇل بولىدىغان يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىسىنى باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك. يېزا خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، سەپلەش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ 1-سېپىگە مايىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەسئۇل رەھبىرىي كادىرلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك يېزا خىزمىتى كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  (38) سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش سېلىنمىسى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ يېزا-كەنت ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بوشىتىپ قايتۇرۇش قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىدە تۈرلۈك يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. يېزا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، كېپىللىك، فوند قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، سودا-سانائەت كاپىتالىنى يېزا-كەنت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلەرگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (39) يېزا-كەنتلەردە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، توپلاش سۇپىسى قۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى، يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش رايونى قاتارلىق سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باغچە رايۇنىغا كىرگەن كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى مۇكاپاتلاش-تولۇقلاش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار بېكىتى، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت پونكىتى، مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت بازىسى، ياشلار ئائىلىسى، ئاياللار ئائىلىسى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش، تۈر ئىلتىماس قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (40) يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرى مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنات-تەلەپ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىنى باھالاپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنات-تەلەپ يوچۇقىنى ئىنچىكە ئايرىپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر ئامبىرى ۋە ئېھتىياج مۇندەرىجىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، دائىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (41) ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردا قېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ھەر يىلى بىر تۈركۈم يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىلغار تىپلىرىنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەپ ۋە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەش، دېھقانچىلىق قىلىش شەرەپلىك دەيدىغان ئىدىيەۋى قاراشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  (مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ھەققىدىكى تەپسىلىي مەزمۇننى 24-فېۋرالدىكى خەلق گېزىتىنىڭ 10-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ