مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2021.02.25 20:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدەك مۇھىم، زور پەيت ۋە «ئىككى 100 يىللىق» تارىخ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نۇقتىلىق خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىراقنى كۆرەر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇشى، رەھبەرلىك بەنزىسى مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۆزنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدە بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى قەدىرلەش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشلارنى ئىشلەپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەۋى ئۇلۇغ كۈچنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم-لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياراتقان ئۇلۇغ مەدەنىيلىكنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنىڭ ھەم تومۇرداش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى پەزىلىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراقنى كۆرگىلى، تارىخنى چۈشەنگەندىلا يىراققا بارغىلى بولىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى چوڭ تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى ئېنىق تونۇپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئۈچۈن ياشاش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىدۇر. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ قەدەممۇقەدەم كېلىشىدىكى مۇھىم بىر ماددا تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتۇر. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، كۈرەش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈرەش تەجرىبىسىنى بېيىتىپ، كۈرەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچىغا ئايلىنىشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىنقىلابىي روھنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتۇرۇپ يەنە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشى دەل مۇشۇنداق ئىنقىلاب ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشتەك قۇدرەتلىك روھقا تايانغانلىقىدا. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى ئۇرغۇتۇشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە قەدىمىنىڭ بىردەك ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى پارتىيە تارىخىدىن ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىككى قارارى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېما، ئاساسىي لىنىيە، ئاساسىي ئېقىم ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇپ، مەنبەدىن تېخىمۇ ياخشى ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ