«خەلق قەھرىمانى» جاڭ بولى كېسەل كۆرۈۋاتقان بىر نەچچە دەقىقىگە نەزەر

2021.02.24 20:02 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، جاڭ بولى (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە كېسەل كۆرمەكتە.

  شۇ كۈنى، «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ بولى تيەنجىن جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا كېلىپ كېسەل كۆرۈپ، بىر نەچچە سائەت توختىماي بىمارلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ، دورا بەردى...

  يېشى 70 تىن ئاشقان جاڭ بولى يەنىلا ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ ۋاقتى پەن-تەتقىقات، ئوقۇتۇش، يىغىن ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن توشۇپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى، لېكىن كۆڭلىدە بىمارلارنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان جاڭ بولى تيەنجىندە بولسىلا، ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ