شاڭخەيدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى

2021.02.24 20:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى 4-ئارمىيە تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم جەڭچىسى رۇەن ۋۇچاڭ پائالىيەت نەق مەيدانىدا يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا.

  شۇ كۈنى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، غايە-ئېتىقادنىڭ ۋارىسى بولۇش −− 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە 100 نەپەر ‹بەش پېشقەدەم›نىڭ پارتىيە تارىخىنى سۆزلەش ئاساسىي تېما پائالىيىتى» شاڭخەي شەھىرى جيادىڭ رايونىدىكى ۋەيگاڭ پارتىزانلار ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت شاڭخەي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، يېڭى 4-ئارمىيەدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلارنى مەكتەپكە كىرىپ، «مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىلەر» شەكلىدە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ