مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامدا بار، ئەمەلدە يوق «داڭلىق مەكتەپنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ مەكتەپ قۇرۇش»نى تۈزەش كېرەك

2021.02.24 19:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  داڭلىق مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان، ئەمما داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ بايلىقى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.... تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بەزى جايلاردا «داڭلىق مەكتەپنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ مەكتەپ قۇرۇش» نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قېلىش، داڭلىق مەكتەپ ۋىۋىسكىسى «بىنا ئۆيلىرىنى سېتىش ۋىۋىسكىسى»غا ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتقان. ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەسلىدە مەكتەپلەر ئارا باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچى بايلىقى قاتارلىق مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن «ئالتۇن يالىتىلغان» ۋىۋىسكىسىلا بار، لېكىن مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى يوق بولسا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئادەم تەربىيەلەش − 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندۇر، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ سودا ئىشلىرىدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشقا، خاتا يولغا باشلاشقا بولمايدۇ، «داڭلىق مەكتەپنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ مەكتەپ قۇرۇش»تەك قۇرۇق شامالنى تۈزەش زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ