مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2021.02.23 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ « يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ بايلىق، مۇھىت ، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىرى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق يېشىل يىرىك پىلان، يېشىل لايىھە، يېشىل مەبلەغ سېلىش، يېشىل قۇرۇلۇش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئوبوروت، يېشىل تۇرمۇش، يېشىل ئىستېمالنى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئاساسىدا قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كاربون چوققىسغا چىقىش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق بولدى: 2025-يىلىغا بارغاندا، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، يېشىل كەسىپ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدۇ؛ ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆسۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۇسۇلى يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ؛ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئازىيىدۇ، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىدۇ، بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ؛ قانۇن-نىزام، سىياسەت سىستېمىسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئوبوروت سىستېمىسى، ئىستېمال سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يېشىل كەسىپ كۆلىمى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى كەڭ دائىرىدە شەكىللىنىپ، كاربون قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  «يېتەكچى پىكىر»دە ئالتە جەھەتتىن نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىدىن، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سانائەتنىڭ يېشىل دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل مۇھىت ئاسراش كەسپىنى زورايتىپ، كەسىپلەر رايونى ۋە كەسىپلەر توپىنىڭ ئايلانما سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىرانسپورت قوراللىرىنى كېڭەيتىپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىستېمال سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يېشىل مەھسۇلات ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ تۈرگە ئايرىش ۋە مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇلياۋدىن بۇلغىنىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېشىل دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلارنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. بەشىنچى، بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئالتىنچى، قانۇن-نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. قانۇن-نىزام تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېشىل ھەق ئېلىش باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە-باج جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئۆلچەم، يېشىل ئىسپات بېرىش سىستېمىسى ۋە ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل سودا بازىرى مېخانىزمىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەدە، تەدبىردە، ھەرىكەتتە جايىدا بولۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ