مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بۇنداق مۇكاپاتلاشقا بولمايدۇ

2021.02.23 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چاغان ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، بىر تاماق توشۇغۇچىنىڭ «ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولسىمۇ، سۇپا تەرىپىدىن «ئالدانغانلىقى» توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى. مەلۇم توردا تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسى تاماق توشۇغۇچىلارنى چاغاندا داۋاملىق خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى تەسىس قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يەتتە قارار زاكازنى تاماملاپ بولغان تاماق توشۇغۇچىلارنى 8200 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، تاماق توشۇغۇچىلار ئالدىنقى بەش قارارلىق زاكاز قىلىنغان تاماقلارنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، 6-قاراردىكى زاكاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىلگەن، نۇرغۇن تاماق توشۇغۇچىلار تاماملاشنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۇپىنىڭ مەقسىتى مۇكاپاتنى ئاز تارقىتىش ياكى مۇكاپات تارقاتماسلىق، دەپ قارىدى.

  ۋەقەگە چېتىشلىق سۇپا دەسلەپتە جاۋاب بېرىپ: پائالىيەتتىكى زاكاز مىقدارى ئەسلىدىنلا مۇقىم ئەمەس، بەلكى تۇراقسىز، دېدى. بۇ، تاماق توشۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك گۇمانىنى قوزغىدى. تاراتقۇلارنىڭ سىجىل دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، بۇ سۇپا كەچۈرۈم سوراپ، ئەڭ ئاخىرقى قارارلىق پائالىيەتنىڭ زاكاز مىقدار لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تاماق توشۇغۇچىلارنى بەلگىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە بۇ مۇكاپاتلاش پائالىيىتى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان» پائالىيەت بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ سۇپا ئاخىرىدا تاماق توشۇغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، لېكىن سۇپىنىڭ بۇنداق «جىق ئىشلەڭ، ئاز يەڭ» دەيدىغان خىيالى ئەمەلىيەتتە قائىدە تۈزۈش جەريانىنىڭ ئاشكارىلىقسىزلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلىنىپ تاماق توشۇغۇچىلارغا ئاز پۇل بېرىپ، ئۇلارنى كۆپ ئىشلىتىش بولۇپ، سۇپىنى ئالدامچىلىق قىلدى، دېگەن گۇماندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەم تاماق توشۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادىل بولمايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە قارىتا، ئىشتىن بوشىتىلىش، ھوقۇقىنى قوغداش جەريانىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەتتە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدۇ. بولۇپمۇ سۇپا ئىقتىسادىدا ھۆددىگە ئېلىپ ئىشچى ئىشلىتىش ئەندىزىسىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىشى تېخىمۇ زۆرۈر. ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەتچىلەرمۇ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ھوقۇقىنى پائال قوغدىشى كېرەك.

  يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، كارخانا سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. قائىدىنىڭ ئاشكارا بولۇشى كارخانىنىڭ ياخشى ئىناۋەت تىكلىشىگە، مۇقىم كۆزلىمە پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدىشىغا پايدىلىق؛ كارخانا قائىدىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىدە ئېغىش كۆرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى تەس بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، سۇپا مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى يولغا قويغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئەگەر قائىدىنى ياخشى تۈزۈپ ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بولسا، تاماق توشۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولغان بولاتتى ھەمدە زىددىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، ئاخىرىدا كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەڭ پايدا ئالىدىغان ھالەت شەكىللەندۈرەلەيتتى. شۇڭا، تۈرلۈك سۇپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كارخانىلار قانۇن، قائىدىگە يەنىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ