مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ يى شىنجاڭ ھەققىدىكى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان سۆزلەر پۈتۈنلەي يامان نىيەتلىك سىياسىي كۆپتۈرۈش، دېدى

2021.02.23 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 22-فېۋرال بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ ماھىيىتى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. جۇڭگو شىنجاڭ رايونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈزگەن «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، بۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نىڭ پىرىنسىپى ۋە روھىغا تامامەن ئۇيغۇن. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ رايونىدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى قايتا يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت بىخەتەر، مۇقىم بولدى، تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرى ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن كەسىپ تاللاپ، تۈرلۈك ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولماقتا، جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەزەلدىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

  شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، شىنجاڭ رايونىدا ئەزەلدىن «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ۋە «دىنىي زۇلۇم» دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس. كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ گەپلەر نادانلىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشتىن كەلگەن، پۈتۈنلەي يامان نىيەتلىك سىياسىي كۆپتۈرۈش بولۇپ، پاكىتقا پۈتۈنلەي زىت. شىنجاڭ رايونىنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق، شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ھەرقايسى ئەل زاتلىرى نەق مەيداندا پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنەلەيدۇ، بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق مەخسۇس خادىملىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ