مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بالىلارغا چاي ئىچۈرۈش»، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى بىكار قىلىش لازىم!

2021.02.23 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بالا تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «چاي ئىچۈرۈلگەن»، 15 يېشىدىلا چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، گەرچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئادەتتە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرغان، لېكىن «چاي ئىچۈرۈلگەن»دىن كېيىنكى ھەپتە ئاخىرى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بولغۇسى ئېرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلىگەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە چوقۇم تېزراق توي قىلىشى كېرەك بولغان، ئەگەر تويدىن يېنىۋالسا، ئەر تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە تويلۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تۆلىشى كېرەك بولغان... بۇ ئىشلار مۇخبىر يېقىندا مەلۇم ئېغىر نامرات رايوندا زىيارەت قىلغاندا بايقىغان ئەھۋاللار.

  نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئېلىمىزدىكى 100 مىليونغا يېقىن ئاھالىنى مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، لېكىن بەزى جايلاردا «بالىلارغا چاي ئىچۈرۈش»، يۇقىرى باھالىق تويلۇق مەسىلىسى يەنىلا ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. «ئەنئەنە» تونىغا ئورىنىۋالغان بۇ ناچار ئادەتلەر ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلىنىش رىتىمىنى ئاستىلىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى»نى قۇرۇق گەپكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.

  مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا يەنە نامرات رايونلاردا قەرز ئېلىپ توي قىلىش ھادىسىلىرىنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. مۇخبىر نامرات كەنتتىن كەلگەن بىر يىگىتنى ئۇچراتتى، ئۇ يىگىت يېقىندىلا دادىسىنىڭ دەپنە ئىشىغا 200 مىڭ يۈەن خەجلىگەن، يەنە تويلۇق ئۈچۈن قىز تەرەپكە بىر قېتىمدىلا 320 مىڭ يۈەن بەرگەن بولۇپ، ھازىر ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان.

  بەزى جايلاردا ھەتتا ئايال تەرەپنىڭ ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئورنى قاتارلىق شەرتلەرگە ئاساسەن تويلۇقنىڭ باھاسى ئېنىق بېكىتىلىدىكەن، قىز ماگىستىر ئاسپىران بولسا، تويلۇقى 700 مىڭدىن 800 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىكەن. بەزى جايلاردا تويلۇق ھەتتا قىزلارنىڭ «باھاسى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى تېپىشىپ مۇھەببەتلەشكەن تەقدىردىمۇ، تويلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان توينىڭ قانچىلىك تۇرمۇش دولقۇنىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى، يەنە قانچىلىك ھەقىقىي مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

  دۆلىتىمىز ئەزەلدىن تويلىشىشقا چات كېرىۋېلىشقا قارشى تۇرىدۇ. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھەرقايسى ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنىڭ تويلىشىش قانۇنىدىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان «تويلىشىش قانۇنى»غىچە، ھەممىسى تويلىشىش ئەركىنلىكىنى بايرىقى روشەن ھالدا قوغدىدى. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا: «تويلىشىشقا چات كېرىۋېلىش، تويلىشىش سودىسى قىلىش ۋە تويلىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار» مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، يەنە «تويلىشىشتىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈك ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن.

  گەرچە قانۇندا چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولسىمۇ، خەلق ئارىسىدا قارشى ئاۋازلار ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن «بالىلارغا چاي ئىچكۈزۈش»، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق مەسىلىسى يەنىلا ئۇزاق مۇددەت بازار تاپماقتا، ھەتتا ئايرىم زىيالىيلار ۋە ئابرۇيلۇق ئەلئارا زاتلار بۇ مەسىلىلەرنى ئاقلاپ، ئۇلارنى «يەرلىك ئادەت»، «ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت» دەپ ئاتىماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر تەرەپتىن، «مەنىۋى نامراتلىق»تىن ئىبارەت بۇ باغلاق يەنىلا مۇستەھكەم بولۇپ، مۇتەئەسسىپلىك، چىرىكلىكنىڭ مەۋجۇد بولۇش بوشلۇقى بار؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شۆھرەتپەرەسلىك، بەسلىشىش خاھىشى ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا شۇ «پايدا»نى كۆزلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ بەختى نابۇت بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئىستىلى، يۇرت ئىستىلى بۇزۇلۇپ، مىللىي مەدەنىيەتكە قارا چاپلانماقتا.

  ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشتە، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىشكە جۈرئەت قىلىپ، ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق توسۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆز قاراشنى يېڭىلاشنى كۈچەيتىپ، جاھىل كېسەلنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەڭ ئاچقۇچلۇقى يەنىلا مائارىپتا، بۇ «مەنىۋى نامراتلىق»نىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە شاكىلىنى تاشلىۋېتىش لازىم، «بالىلارغا چاي ئىچكۈزۈش»، يۇقىرى باھالىق تويلۇق مەسىلىلىرىنى بىكار قىلىش كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ