مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىڭشيادا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا «10 ماددا» چىقىرىلدى

2021.02.22 19:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر «ئون ماددا»نى ئېنىق بەلگىلىدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ھازىر بار بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئىشلىرىنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ئىخچاملاپ، بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئىشلىرىنى ھازىرقى ئاساستا %50تىن كۆپرەك ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نىڭشيادا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زۆرۈر بولمىغان ھالقىلار ۋە جەدۋەل سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش ئازايتىلىدۇ. ئۈندىداردىكى خىزمەت توپى قاتارلىقلاردا خىزمەت كۆرۈنۈشى ياكى سىننى يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئەمەلىي خىزمەتنى باھالاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش، يىللىق باھالاش، ئەلالىرىنى باھالاش، ئىلغارلارنى تاللاش ۋە كەسپىي تېخنىكا مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىجازەت بوسۇغىسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈشكە ۋە مۇرەككەپ باھالاش تەرتىپىنى تەسىس قىلىشقا، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ماقالە، مۇكاپات تۈرىنى بىردىنبىر باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز سورۇنلارغا بېرىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ