مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ھىندىستان 10-نۆۋەتلىك جۈنجاڭ دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

2021.02.22 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى ئارمىيە موردو / چۇشۇل ئۇچرىشىش نۇقتىسىدىكى جۇڭگو تەرەپتە 10-نۆۋەتلىك جۈنجاڭ دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

  ئىككى تەرەپ ئالدىنقى مەزگىلدىكى بەنگۇڭخۇ رايونىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئۇچرىشىشتىن ئايرىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، بۇ بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى رايونىدىكى باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىغان. ئىككى تەرەپ غەربىي بۆلەك ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى رايونىدىكى باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغان. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقە ۋە سۆھبەتنى داۋاملىق ساقلاپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ھاسىل قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشقا قوشۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ