جۇڭگو بېلارۇسىيەگە ياردەم بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى مىنسكىغا يەتكۈزۈلدى

2021.02.20 19:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنىسكىدا ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بېلارۇسىيەگە ياردەم قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى 19-فېۋرال پايتەخت مىنىسكىغا يەتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم بېلارۇسىيەگە ياردەم بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى جۇڭگو دۆلەت دورىگەرلىك گۇرۇھى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەقسىز توشۇغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ژېنكوف فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ