مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ ئۆلكىسى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاجرىتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2021.02.19 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشتا ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەجبۇرلاش ياكى باھالاشقا باغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردىن مائارىپ، ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز ھۆكۈمەت ئىشلىرى App سىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە ياكى ئاجرىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتسىز چېقىش-كۆچۈرۈش، سودىگەر چاقىرىش، تەبرىكلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي چېچىشىغا ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارغا بۇيرۇق خاراكتېرلىك ۋەزىپە چۈشۈرۈشىگە بولمايدۇ، مەكتەپلەردىن دەرس توختىتىشنى ياكى مەكتەپ مەيدان ئەسلىھەلىرىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىشنى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا چېتىلىدىغان غەيرىي مائارىپ ئوقۇتۇشى جەھەتتىكى تەربىيەلەشكە قارىتا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشى لازىم، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرغان تەربىيەلەشتىن باشقا، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم، ئوقۇتقۇچىلارنى تارتىپ چىقىپ سان توشقۇزماسلىقى كېرەك. ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز يىغىنلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئادەم قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  ھەيدەكچىلىك، باھالاش، باھالاش شەكلى، ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، جېجياڭ ئۆلكىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەرتىپنى ھەقىقىي تۈردە ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھالقىلارنى ئازايتىپ، جەدۋەل قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئازايتىش لازىم، ئاددىي ھالدا ئىز قالدۇرۇش، ھېساباتنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ، تۈرلۈك توردىكى خىزمەت توپى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى App لىرىدا خىزمەت كۆرۈنۈشىدىكى سۈرەت ياكى سىنلارنى يوللاش قاتارلىق شەكىللەرنى ئەمەلىي خىزمەت باھالىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، خىزمەتنى ئەمدىلا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپلا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ.

  پىكىردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاجرىتىپ ئىشلىتىش قىلمىشى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتناشتۇرۇشتا، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇش-ئوقۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قاراشلىق مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا بىر تۇتاش ئىلتىماس قىلىش ھەمدە مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك، ئارىيەت ئېلىش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، باشقا ئادەتتىكى خىزمەتلەردە پىرىنسىپ جەھەتتىن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئارىيەت ئېلىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋاقىتلىق ئارىيەت ئېلىپ يىغىن مۇلازىمىتى، كۈتۈۋېلىش، مېھمان كۈتۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، پىكىردە يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەكتەپلەر ئۆزى ئۆتكۈزىدىغان تەنھەرىكەت يىغىنى، كىتاب ئوقۇش بايرىمى، تەنتەربىيە-سەنئەت بايرىمى، ماھارەت بايرىمى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوچۇق دەرسى، ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلىق خىزمەت يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ