مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلىرى جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلەرنى تارقاتتى، دېدى

2021.02.19 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن يېقىندا گېرمانىيە «ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېزىلىشى قاتارلىق قاراشلار غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگوغا قارا چاپلاش ئۈچۈن تارقاتقان يالغان سۆزلىرى، چەت ئەللىك زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ۋۇ كېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى غەرب تاراتقۇلىرى «بېيجىڭ تەرەپ زۇلۇم سالدى» دېگەن يەكۈننى تېزلىكتە چىقىرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىمۇ ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئېزىلدى دېگەن قاراشلار غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلىرى تارقاتقان يالغان گەپ. ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر مەخسۇس جۇڭگوغا قارا چاپلاش ئۈچۈن ياسىغان بەلگە.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيە لاگېرى» يوق ھەم ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان. بىزنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلغىنىمىز كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركىزى»، ئامېرىكىنىڭ «مەھەللىدە تۈزەش» قاتارلىقلار بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ھەممىسى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى پايدىلىق سىناق ۋە پائال ئىزدىنىشلار. «بىز تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىپ، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردۇق.»

  ۋۇ كېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «باشتىن كەچۈردۈم» دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ باقمىغان. ئەگەر جۇڭگودىكى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرساق، چوقۇم جۇڭگوغا قارشى «ئارتىسلار» خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان سەپسەتىلەرگە ئوخشىمايدىغان يەكۈن چىقىرالايمىز.

  ۋۇ كېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەت ئەللىك زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، 100 نەچچە دۆلەتنىڭ 1200 دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، مۇخبىر، دىنىي زات قاتارلىقلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا بۇرۇنلا تەكلىپ قىلغان، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىز يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلدۇق، لېكىن ھازىرغىچە جاۋاب كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ