مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىللىقلىق بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

2021.02.19 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بايرامدىن كېيىنكى قايتىش سەپىرىدە، يۈك-تاقىڭىزغا نېمىلەر قاچىلاندى؟ مومىڭىز ئۆز قولى بىلەن قورۇغان مەززىلىك قورۇمىلارمۇ؟ ياكى دادىڭىز باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ سېتىۋالغان يەرلىك تۇخۇممۇ؟ ۋە ياكى ئانىڭىز كۆڭۈل قويۇپ ئوراپ قاچىلىغان يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارمۇ؟... بۇ كۈنلەردە، تورداشلار ئائىلىسىدىكىلەر لىق توشقۇزۇۋەتكەن يۈك-تاق ساندۇقى ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى بەس-بەستە نامايان قىلدى. چوڭ-كىچىك يۈك-تاقىلارغا ئائىلىدىكىلەرنىڭ مېھىر-شەپقىتى قاچىلانغان بولۇپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ يۇمشاق جايغا تەگدى.

  ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىكار ئولتۇرساقمۇ، چىراغ نۇرى يېقىملىق بىلىنىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئائىلە − ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ بۆشۈكى، قەلبنىڭ يېپىنچىسى، ھېسسىياتنىڭ ماكانىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، توردا مال سېتىۋېلىشقا تايىنىپ، سىرتتا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى يېيىش تەس ئەمەس؛ يان تېلېفون قولىمىزدا، ھەر ۋاقىت ئاتا-ئانىمىز بىلەن پاراڭلىشىشمۇ يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ ئەمەس. لېكىن، «ئائىلىنىڭ پۇرىقى» سېغىنىشقا ئەڭ بەك تەسەللىي بولىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ غەمخورلۇقى قەلبنى ئەڭ ئىللىتىدۇ. بىز تولدۇرۇۋېتىلگەن يۈك-تاقىمىز ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن تەسىرلەندۇق، چۈنكى بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇرتنى سېغىنىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يۈك-تاقىلىرىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ غېمى، ئائىلىمىزنىڭ ئىللىقلىقى، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن تولغانىدى.

  ھەر قېتىمقى قايتىش سەپىرى − تېخىمۇ ياخشى يولغا چىقىش ئۈچۈندۇر؛ ھەر قېتىمقى ئارام ئېلىش − كۈچ توپلاش ئۈچۈندۇر. بىر تورداش مۇنداق دېدى: «ئۆيگە قايتقاندا، تۇغقاندارچىلىق مېھرىمىز بىلەن جەم بولىمىز، سىرتقا چىققاندا، ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىمىز». ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىگە جاۋاب قايتۇرۇش − بىكار ۋاقىتلاردىكى ھەمراھلىق بولۇشىمۇ، «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تېخىمۇ ياخشى ئۆزى» بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  بىز ئىللىقلىق بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىش قىياپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ