مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چاغان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ يەتتە دۆلەتكە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.02.19 18:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 18-فېۋرال مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش ۋە ياردەم بېرىش قەدىمىمۇ توختاپ قالمىدى، زىمبابۋې، تۈركىيە، پېرۇ، ماراكەش، سېنېگال، ۋېنگىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق يەتتە دۆلەتكە ۋاكسىنا تاپشۇرۇپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ۋاكسىنا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ شۇ كۈنىدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېگىنىنى قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خىتابنامىسىنى ئىزچىل ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋاكسىنىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئېرىشىشچانلىقى ۋە ئۈستىگە ئېلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئالدى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا بويىچە ھەمكارلىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى قورالىنى ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئادىل ئېرىشىشنى تېزلىتىش» تەشەببۇسىغا كىرىپ، پائال تۈردە ئون نەچچە دۆلەت بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، جەمئىي 100دىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي قاتناشتى. جۇڭگو «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا قاتناشتى ھەم ئۇنى قوللىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو تەرەپ «يولغا قويۇش پىلانى»غا ئالدى بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 10 مىليون تال ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى قارار قىلدى. جۇڭگو 53 تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ياردىمى بەردى. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ۋاكسىنىغا ئېرىشىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۆز دۆلىتىدە جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى جىددىي ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرگە ۋاكسىنىنى ئېكسپورت قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشنى قوللايدۇ، 22 دۆلەتكە ۋاكسىنىنى ئېكسپورت قىلدى ۋە ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا ياكى شۇ جايدا ۋاكسىنا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يەر شارىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى. جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ۋاكسىنا دوست گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، سىرتقا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ۋە ياردەم بېرىش قەدىمىمىز توختاپ قالمىدى، زىمبابۋې، تۈركىيە، پېرۇ، ماراكەش، سېنېگال، ۋېنگىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق يەتتە دۆلەتكە ۋاكسىنا تاپشۇردۇق. ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەنلىكى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى رېكورت يارىتىش سۈرئىتى بىلەن تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، لېكىن «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قىزىل رەقىمى» ۋە «تەقسىمات قىزىل رەقىمى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر. ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ ۋاكسىنا «مىللەتچىلىكى»گە قارشى تۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، جۈملىدىن توقۇنۇشۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشىشچانلىقى ۋە ئۈستىگە ئېلىشچانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  خۇا چۈنيىڭ: «جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئۈستىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى دۇنيا ئاممىۋى مەھسۇلاتىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ۋاكسىنا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ