مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021.02.19 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى.

  «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىڭپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، سىياسىي خىزمەتنىڭ جان تومۇرىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش رولىنى مۇستەھكەملەشتۇرۇش، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە سىياسىي خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، دەۋر تېمىسى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپى، ئاساسلىق مەزمۇنى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى، سىياسىي خىزمەت تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەت ئاپپاراتى، پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، سىياسىي كادىرلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ساپا تەلىپى، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  «نىزام» يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىدىكى ئاساسىي غول پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەربىي سىياسەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىشى پارتىيەنىڭ ئارمىيە سىياسىي خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيىشىشىنى، ئارمىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»دە چىڭ تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى بولۇشىغا، يېڭى دەۋر ئامىيەنىڭ بۇرچ ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ