مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باھاردا پۈتۈشۈپ قايتا يولغا چىقايلى

2021.02.19 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشايلى»، «ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا توختاپ قالماسلىق كېرەك، تىرىشچانلىقنىڭ ھامان نەتىجىسى بولىدۇ»، «يېڭى بىر يىلدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى»... چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە تىلەكلەرنى يازدى، كۆڭلىدە يېڭى يىلدىكى نىشانلىرىنى پىلانلىدى، ئۇنىڭدا ھەم كالا يىلىغا بولغان گۈزەل ئۈمىدلەر باغلانغان، ھەم ئالدىغا قاراپ يۈگۈرەيدىغان كۈرەش قىلىش غەيرىتى نامايان قىلىنغان.

  12 مۈچەل ئىچىدە، كالا تىرىشچانلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە سىمۋول قىلىنغان؛ يىلنىڭ بېشى باھاردىن، باھار يېڭى باشلىنىشتىن بىشارەت بېرىپ، يېڭى ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بارلىق مەۋجۇداتلار جۇش ئۇرۇپ جانلىنىدىغان مەزگىلدە پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر، تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئەڭ گۈزەل ھالەتتۇر. ۋاقىت ھەر بىر تامچە تەرنى بىكارغا ئاققۇزمايدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىگە ئاساس سالىدۇ. تىرىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلغاندىلا، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق نۇرىنى چاچقىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئۆزىمىزنى بېغىشلاش روھى، جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، چىدامچانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپادىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان غەيرەت، كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئاڭلىق ھالدا قەلبكە ئىرادىنى پۈكۈپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. كۈرەش قىلغۇچىلارغا نىسبتەن باھار ئۇرۇق سېلىش پەسلى بولۇپ، ھەممىمىز باھاردا پۈتۈشۈپ قايتا يولغا چىقىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، باھار نۇرىنى قەدىرلەيلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ