مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى بالىلار يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە چوقۇم ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى

2021.02.18 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە چوقۇم ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

  تەكشۈرۈش چارىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھازىرقى باسقۇچتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ۋاكالىتەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، يەسلى، بالىلار باغچىلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر بالىلار يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم، يېڭىدىن يەسلىگە كىرگەن، مەكتەپكە كىرگەن، مەكتەپ ئالماشقان، سىنىپقا كىرگەن بارلىق بالىلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەر يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىشىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى باھالاش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك بالىلار ۋەسىيلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بالىلارنى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم، بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەندە ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ياكى بالىلار مەكتەپ ئالماشقان، سىنىپقا كىرگەن 30 كۈن ئىچىدە تاماملىشى كېرەك.

  بۇ چارىگە ئاساسەن، ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەش زۆرۈر بولغان بالىلارغا قارىتا، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىگە بالىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى ياكى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتى، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى مەسئۇل بولىدۇ، تولۇقلاپ ئەملەش تاماملانغاندىن كېيىن، ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىنى ئەملەش كىنىشكىسىدىكى يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتە ۋاكسىنا ئەملەشنى تاماملاش ئەھۋالىنى باھالاش بېتىگە تولۇقلاپ ئەملەشنى تاماملاش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتى، بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ