خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-فېۋرال، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى «دىنىي خادىملارنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ چارە بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
چارە جەمئىي يەتتە باب، 52 ماددا بولۇپ، دىنىي خادىملارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بەلگىلەندى، دىنىي خادىملارنىڭ ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى، دىنىي خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قۇتقۇزۇش يوللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دىنىي خادىملار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپىنى ئەنگە ئېلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملار گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى؛ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دىنىي خادىملارنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي باشقۇرۇشى بەلگىلىنىپ، دىنىي خادىملارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى؛ دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دىنىي خادىملارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى.
دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چارىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى «دىن ئىشلىرى نىزامىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈر ۈش، دىنىي خادىملارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دىنىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ