جېجياڭ لىشۈيدىكى «سەمىمىي موماي»نىڭ ئون يىللىق قەرز قايتۇرۇش يولى

2021.02.08 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، چېن جىنيىڭ ئۆيىدە تېلېفون قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىدىكى چېن جىنيىڭ ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال كارخانىچى ئىدى. ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن زاۋۇت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار مامۇق كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، بىر مەھەل سودىسى قىزىپ كەتكەن ئىدى. 2011-يىلى شىركەت مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدى. قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيى، زاۋۇتىنى سېتىپ، يايما يېيىپ مامۇق كىيىم سېتىشقا باشلىدى. بەزىلەر ئۇنى ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مال سېتىپ قەرز قايتۇرۇشتا چىڭ تۇردى. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، 90 ياشلىق چېن جىنيىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدى.

  ئون يىلدا، ئۇنىڭ دۈمبىسى بارغانسېرى ئېگىلىپ كەتتى، لېكىن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئۇنىڭ قەددى بارغانسېرى رۇسلىنىپ كەتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لېي نىڭ فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ