مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى (100 يىللىق كۈرەش يولى، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش)

2021.02.08 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا، تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك.

  سائەت 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قايتىپ كەلدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە، يولداش ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بۈگۈن قۇرۇلدى!» بۇ ئاۋاز دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، بۇ دەقىقە مەڭگۈلۈككە ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى!

  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ ئۇلۇغ ئىش يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار يولىغا ماڭدى.»

  بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى شياڭشەن ئەينى يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن بېيجىڭغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى. تاغ ئېتىكىدىكى شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئۇل سېلىش −− ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شياڭشەندە» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغان زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ماۋ زېدۇڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلانى»نى ئوقۇۋاتقان غايەت زور سۈرەت قويۇلغان ئىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ يېنىدا تۇرغان دۇڭ بىۋۇ − ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، شۇنداقلا تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىردىنبىر رەھبەر ئىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاران 50 تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، قىسقىغىنا 28 يىل ئىچىدە قانداق قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرالىدى؟

  1949-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ماۋ زېدۇڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شياڭگاڭدىن شىمالغا كەلگەن دېموكراتىك زات ليۇ يازىنى زىيارەت قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا ليۇ يازى مۇنداق دېدى: كومپارتىيە غەلىبە قىلىدۇ، بۇ ئېنىق، لېكىن بۇنچە تېز غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ناھايىتى تېزلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دەريادىن ئۆتتى ھەمدە نەنجىڭنى ئىشغال قىلدى، ماۋجۇشى قانداق ئەپچىل چارىنى قوللانغانسىز؟ ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ قوللىشى − ئەڭ چوڭ ئەپچىل چارە، بىر مىليون كىشىلىك قوشۇن دەريادىن ئۆتكەندە، خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولمىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايتتى.

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىدۇر.

  ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگو يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، بوزەك قىلىنغان، بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلدى؛ خەلق ئۈچۈن، خەلققە تايىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب. دەل خەلقتىن كەلگەن توختىمايدىغان كۈچ مەنبەسى بار بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ بېشىدىكى «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى قۇردى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 72 يىل بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغىنىغا توپتوغرا 100 يىل بولدى. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاللىقاچان ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش − باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئېتىقادى بولۇپ، زامان-ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇزاق تارىخ جەريانىدا مۇستەھكەملەندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، تومۇرى خەلقتە. ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئەڭ كەڭ خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ