مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش قومانداننىڭ غەمخورلۇق بىلەن قىلغان مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى باشلانمىدا قىسىم قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

−− رەئىس شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ۋە يوقلىغانلىقى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2021.02.08 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «بۇ يىل پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ‹14-بەش يىل›نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.»

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى-زاپاس ھەربىيلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم باش قومانداننىڭ غەمخورلۇق بىلەن قىلغان مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى باشلانمىدا قىسىم قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

  ھەربىي مەشىقنى ياخشى تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

  رەئىس شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم شىسىنىڭ شىجاڭى گو شۇبىڭ ۋە مەلۇم ئۇچۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ يېڭى ئۇچقۇچىسى خۇ زېلىن بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىپ، ناھايىتى ئىلھاملاندى. گو شۇبىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىش، بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش، پۈتۈن رايون بويىچە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىپ، قىسىمنى تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق خاتىرجەم بولىدىغان ئالاھىدە جەڭگىۋار قوشۇن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. خۇ زېلىن مۇنداق دېدى: چوقۇم تىرىشىپ ئۇچۇش ماھارىتىنى تاۋلاپ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تاماملاپ، بالدۇرراق لاياقەتلىك جەڭچى بولۇشقا تىرىشىمىز.

  شەرقىي شىمال ئىچكى رايون، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر چاقماق تېزلىكىدە جەڭ ئورنىغا ئاتلىنىپ، قەھرىتان سوغۇقتا تۈرلۈك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. يىڭجاڭ ۋاڭ چىڭيۈ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي تۈردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى كونكرېت ئىش ئورنىغا سىڭدۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىش ئورنى __ جەڭ ئورنى، باشلىنىش __ جەڭنى باشلاش» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلسىز جەڭ مەيدانىنىڭ ئاۋانگارت ئۆتكۈر پىچىقى بولىمەن.

  ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا ئۇچۇر ھوقۇقىنى تىزگىنلەش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. مەلۇم ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 80-جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ 1-يېڭى كېچىدە بارلىق خادىملارنى تولۇق قوراللاندۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ئالتە جەھەتتىكى ئۇچۇر ئۇرۇشىنى چەكلەيدىغان 17 يوشۇرۇن مەسىلىنى قايتا ھەل قىلدى. 74-جىتۈەنجۈن «قاتتىق سۆڭەك 6-ليەن» تۇرۇشلۇق لۈي، 80-جىتۈەنجۈننىڭ مەلۇم لۈيى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ مەلۇم قىسىمى، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوت تارماق ئەترىتى چىچىخار ناملىق پاراخوتتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قاراتمىلىق، قارشىلىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  پاراشۇتچى ئەسكەرلەر مەلۇم لۈيى ئەمەلىي جەڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تەشكىللىدى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ مەلۇم لۈيى كېچە-كۈندۈز ئۇچۇش مەشىقىنى يولغا قويدى، راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم تۈەنى كېچىلىك مەشىق تۈرىنى چۆرىدەپ مەخسۇس ھۇجۇم قىلىش، ئىخچام پىششىق مەشىق قىلىشنى قانات يايدۇردى... ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي ئىتائەت قىلىپ، مەشىق قىلىش ئىستىلىنى تۈزىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قاتتىق بولغان ئىقتىدارنى تاۋلاپ، پۈتۈن ۋاقىتتا ئۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشقا، ھەر ۋاقىت ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك

  «نۆۋەتتە، چەت ئەلنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى يەنىلا ئېغىر، بولۇپمۇ چاغان مەزگىلىدە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشى كۆپىيىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ئاشتى.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي قىسىمنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسىمى 910-دوختۇرخانىسى، جېڭجوۋ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى مەركىزىگە قاراشلىق 984-دوختۇرخانىسى ئەسكەرلەر ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە دوختۇرخانا ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ داۋالاش تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇمنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. كەڭ ئارمىيەدىكى تېببىي خادىملىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاممىنى ساغلام، ئىناق چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەقدىرلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كەڭ ئارمىيەدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى خەلق ھەربىي دوختۇرلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، خەلق ئاممىسى ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ «ياخشى ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، ئادەتتە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن خەلقى ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەر ۋاقىت ئالدىغا چىقالايدىغان، بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان، قۇتقۇزالايدىغان، ياخشى داۋالىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بايراملىق ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك

  رەئىس شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  چاغانغا ئاز قالغاندا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، يەر يۈزىدە يول باشلاش ۋەزىپىسى تارماق ئەترىتى يەنىلا ئالدىنقى سەپ، بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆزنى ئۆگىنىشتە چاقنىغان سىياسىي قىزغىنلىقنى ھەربىي مەشىق، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، قەتئىي ئىرادە بىلەن غەلىبە قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت جەڭ قىلالايدىغان جەڭگىۋار قىياپەت بىلەن ۋەتەننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنى ھەر ۋاقىت قوغدايمىز.

  مەلۇم ئارالدا تۇرۇپ مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى رادار مەلۇم لۈيى شۆبە ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئېگىز تاغ ئارىلىدا ھەربىيلەرنىڭ ئىرادە-پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، تۈرلۈك ھاۋا ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، مەڭگۈ ۋەتەننى قوغدايدىغان، خەلقنى قوغدايدىغان كۆك ئاسمان تورى بولىمىز.

  «ئۇرۇش ئورنىدا مەن بار، ۋەتەن ۋە خەلق خاتىرجەم بولسۇن.» 79-جىتۈەنجۈننىڭ مەلۇم لۈيى، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ مەلۇم تۈەنى، راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيى، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم چۆكمە كېمە قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر ۋاقىت جەڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، خەلق ئۈچۈن پوستتا تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشى قوغدايمىز.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، قوراللىق ساقچى قىسىم لياۋنىڭ باش ئەترىتى شېنياڭ تارماق ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 11-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى شېنياڭ ۋوگزالىدا بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى لى جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ