ئېلىمىزنىڭ يەنە بىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىندى

2021.02.07 18:57 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان كېشىڭ جۇڭۋېي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاكتىپسىزلاندۇرۇش ۋاكسىنىسى كوروناۋاكنىڭ بوتۇلكىلىق ئوراش-قاچىلاش لىنىيەسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ كېشىڭ جۇڭۋېي بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاكتىپسىزلاندۇرۇش ۋاكسىنىسى كوروناۋاك 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تەستىقلىنىپ، قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىندى، بۇ، دۆلىتىمىز تەستىقلىغان ئىككىنچى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىدۇر.

  دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى»، «دورا باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دورىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، بۇ ۋاكسىنىنى بازارغا سېلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى شەرتلىك تەستىقلىغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ