خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 146 تىرىليون 370 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %17.2 ئاشقان. ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۈلۈشى 2015-يىلدىكى %11.9تىن ئۆسۈپ، 2020-يىلى ئالدىنقى ئون ئايدا %12.8كە يەتكەن، ئىمپورت ئۆسۈپ %11.5كە يەتكەن، ئېكسپورت ئۆسۈپ %14.2كە يەتكەن، ھەممىسىدە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلغان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرغان ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك مىقدارى 22 مىليارد 190 مىليون توننىغا يېتىپ، %21.9 ئاشقان؛ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھۆججىتىدىن 383 مىليونى تەكشۈرۈلۈپ، %14.7 ئاشقان؛ 8 تىرىليون 990 مىليارد يۈەن باج يىغىلىپ، %8.7 ئاشقان.
«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز پورتلىرىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان گۇۋاھنامە 86 خىلدىن 41 خىلغا كېمەيتىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش پەن-تېخنىكىسىدا يارىتىلغان يېڭىلىقلارنى قوللىنىش سەۋىيەسى زو دەرىجىدە ئۆسۈپ، باشقۇرۇش سىستېمىسى بىرىكتۈرۈلۈپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم زامانىۋى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ