نىڭشيا يىنچۈەندە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى قانات يايدۇرۇلدى

2021.01.27 18:52 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، يىنچۈەن خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە قانات يايدۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىدا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى شوتىدا تۇرۇپ ئوت ئۆچۈردى.

  شۇ كۈنى، يىنچۈەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى نىڭشيا يىنچۈەن خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزدى، مانېۋىر ئەمەلىي جەڭ قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇش-قېچىش، ئادەم ئىزدەش-قۇتقۇزۇش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قوشۇننىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، قوماندانلىق مېخانىزمى، تاكتىكىنى قوللىنىش ۋە ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش مەقسەت قىلىنغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاڭ رۇفېڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ