مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

(يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى يارقىن نۇقتا)

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، قۇرۇلما سەرخىللاشتۇرۇلدى، تەرەققىياتتا «ئالتۇن مىقدارى» تېخىمۇ كۆپ بولدى

2021.01.20 19:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى!

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، دەسلەپكى ھېساباتتا 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)سى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 101 تىرىليون 598 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان.

  −− GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى تەستە قولغا كەلگەن، ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش كۈچى، تەدبىر بەلگىلەش كۈچى، ھەرىكەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

  2020-يىلى، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئالدىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان زەربىدىن، ئېلىمىزنىڭ 1-پەسىللىك GDP سى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلەپ، پەسىللىك ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىش كۆرۈلدى.

  ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بەرگەندە، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. خەتەرلىك پەيتتە، مۇھىم پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاش بىلەن بىللە، 1 تىرىليون يۈەن مالىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتىپ، 1 تىرىليون يۈەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يېڭىدىن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن كۆپەيتتى.

  سىياسەت بىرىكمە مۇشت توغرا، بىرىكمە كۈچكە تولغان. جۇڭگو يۇقۇمنى باشلامچىلىق بىلەن كونترول قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەنپىيلىكتىن مۇسبەتلىككە ئۆزگەرتىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى. 2020-يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى مىنۇس %6.8، %3.2، %4.9، %6.5لىك تەتۈر ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، مۆلچەرلىنىشچە، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدىكەن، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈلۈشىمۇ 2019-يىلىدىكى %16.3تىن %17 ئەتراپىغا ئۆرلەپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن. يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئاجايىپ بىر يىلدا، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالالايدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى.

  −− GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىغا ئورتاق كۈرەش قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەممە ئادەم ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

  يۈننەننىڭ دوكلاتىدا: لىسۇ مىللىتى، دۇلۇڭ مىللىتى، نۇزۇ مىللىتى ۋە پۇمى مىللىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 88 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى!

  گۇاڭشىنىڭ دوكلاتىدا: رۇڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 54 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى!

  ...

  2020-يىلى خۇش خەۋەر ئارقا-ئارقىدىن تارقالدى. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇيجۇ ئۆلكىسى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئېشىپ قالغان توققۇز نامرات ناھىيەنىڭ نامرات ناھىيە قاتارىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.

  تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش. 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلگەن GDP نى بارلىق خەلق ئورتاق كۈرەش قىلىپ ياراتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. 2020-يىلى، دۆلىتىمىز مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»نىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نامرات ئاھالە كۆپرەك بولغان گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكىدە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنتتىن 1.7 پىرسەنت پوئىنتقىچە يۇقىرى بولدى.

  مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق نەتىجە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىدىيەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس جۇڭگونى «نامراتلىقنى ئازايتىش ساھەسىدىكى دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى» دەپ ئاتىدى.

  −− GDPنىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشقانلىقى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن مىقدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «چاڭئې-5» نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى ھەمدە ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كەلدى، «تيەنۋېن-1» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، «بېيدوۋ-3» ناملىق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى، كىۋانتلىق كومپيۇتېر «جيۇجاڭ» مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى...

  گەرچە يۇقۇمنىڭ زەربىسى بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. «بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق.» دۆلەت ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېڭى سەۋىيەگە يەتتى.»

  GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشقانلىقىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ سىجىل ئاشقانلىقى بار. 2020-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدا يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىلىپ، ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورت ئومۇمىي مۇساپىسى 38 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول مۇساپىسى 155 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، G5 تېرمىنالىنى ئۇلاش سانى 200 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

  GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشقانلىقىنىڭ ئارقىسىدا، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ روشەنلىشىشى بار. 2020-يىلى، دۆلىتىمىز 3-كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.5تىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى؛ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.3كە يېتىپ، كاپىتال شەكىللەنگەن ئومۇمىي سوممىسىدىن 11.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى.

  GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشقانلىقىنىڭ ئارقىسىدا، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنىڭ يارقىنلىقى بار. 2020-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ يەككە GDP سەرپىياتى تۆۋەنلەپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئىنت ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە 337 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 تۆۋەنلىدى؛ سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش (Ⅰ-تۈردىن Ⅲ-تۈرگىچە) كەسمە يۈزى نىسبىتى 8.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

  −− GDP نىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈش، دۇنياغا ھەمدەم بولۇشنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى.

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، سەككىز يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالاندى. كېلىشىم قاپلىغان 15 ئەزا دۆلەتنىڭ نوپۇس كۆلىمى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ۋە سودا ئۈلۈشى يەر شارىنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلىدى، بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ رەسمىي ئىچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىدە، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمىغا ئۇچرىغاندا، جۇڭگو ھەممىنى بېسىپ چۈشۈشكە ئىنتىلمەي، بىرى يېڭىش، بىرى يېڭىلىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرمەستىن، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشتى.

  جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى كۈنسېرى مۇقىملاشتى. 2020-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 12 مىڭ 400ى قاتناپ، ئوڭشسىز ۋەزىيەتتە %50 ئاشتى، ئۇنىۋېرسال ئىككى قەۋەتلىك بولۇش نىسبىتى %98.4 بولدى، ياۋروپادىكى 21 دۆلەت، 97 شەھەرگە تۇتىشىپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش «زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى»، تۇرمۇش «تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى»غا كاپالەتلىك قىلىندى.

  جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش بوسۇغىسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى. 2020-يىللىق نۇسخىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنىڭ پاسسىپ تىزىملىكى، مۇلازىمەت كەسپى، ياسىمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پاسسىپ تىزىملىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.5، %18.9 قىسقاردى.

  جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى كېڭەيدى. تۇنجى قېتىم تولۇق «توردا ئۆتكۈزۈلگەن» گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدىن 99 تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىكى نەتىجىلەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىگىچە، يەنە مۇددىئا پۈتۈشۈش سوممىسى 72 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئاشقان ئىمپورت كۆرگەزمىسىگىچە... 2020-يىلى، يەر شارى سودىسى زور دەرىجىدە چېكىنگەن ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز ماللارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىدا تارىخ بويىچە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.9 ئېشىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

  «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا يىراققا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلساقلا، «جۇڭگو ناملىق» ئىقتىساد زور پاراخوتى جەزمەن بوران-چاپقۇندىن قورقماي، دولقۇنلارنى يېرىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ