شېنياڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نۇقتىلىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش رايونىدا يېپىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بىكار قىلىندى

2021.01.18 20:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، بىر شەھەر ئاھالىسى شۇ كۈنى قاتناش ئەسلىگە كەلگەن مېترو تاۋەن كوچىسى بېكىتىگە كىرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنياڭ شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قوماندانلىق ئىشتابى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھازىرغا قەدەر، شېنياڭ تاۋەن ۋە مىڭليەن رايونىدىكى نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان، تىزگىنلىنىدىغان رايونلار ئىچىدىكى ئوتتۇراھال خەۋپ-خەتەردىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۆۋەن خەۋپ-خەتەردىكى رايون قىلىپ تەڭشەلگەنلىكىنى، نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان، تىزگىنلىنىدىغان رايون ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يۇقىرىقى نۇقتىلىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش رايونلىرىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە مۇناسىپ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرى بىكار قىلىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ جيەنفېڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ