يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ۋۇخەندىكى كۈنلەر» تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2021.01.18 20:08 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم «ۋۇخەندىكى كۈنلەر»نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمىنىڭ ۋۇخەندىكى تارماق مۇراسىم مەيدانى (1-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شۇ كۈنى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم «ۋۇخەندىكى كۈنلەر» سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېيجىڭ، ۋۇخەندە بىرلا ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. فىلىمدە 2020-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ھەقىقىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا ئىجادىيەت قىلىنىپ ئاغرىقلار، تېببىي خادىملار، پىدائىيلار، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، مەھەللە ئاھالىلىرى قاتارلىق شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھالىتى ھېكايە لىنىيەسى قىلىنىپ، ئالاھىدە مەزگىلدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاز-تولا تۇرمۇشى خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىيلىكى ۋە جاسارىتى نامايان قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ فىلىمنىڭ بېلىتى ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى، 22-يانۋار پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ چى فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ