دۆلىتىمىز 2020-يىلى دۇنيادىكى مال سودىسىنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى

2021.01.15 19:32 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو (شەندۇڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى چىڭداۋ تەۋەلىك رايونىغا جايلاشقان شەندۇڭ پورتىدىكى چىڭداۋ پورتى تولۇق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانىدا، بىر يۈك پاراخوتىغا ئېكسپورت قىلىنغان ماللار قاچىلانماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 32 تىرىليون 160 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئېشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يەككە تەرەپچىللىك قورۇقچىلىقى قاتارلىق كۆپ خىل بېسىم ئاستىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى مال سودىسىنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جاڭ جىنگاڭ فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ